رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىدى. «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 25-مارت ئېلان قىلغان «ئەرەب دۇنياسىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن بەلكى، خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى «قارىغا ئېلىنغان نىشان» غا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە دېيىلگەندەك، ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينى ئاغزاكى قوللاپلا قالماي، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ياردەم قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب دۇنياسىدىكى كەم دېگەندە ئالتە ھۆكۈمەت-مىسىر، ماراكەش، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان ياكى ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 24-مارتتا ئېلان قىلغان «سۈكۈتتىن ھالقىش: ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشتا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق» ناملىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2002-يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 292 ئۇيغۇر خىتاينىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە قولغا ئېلىنغان ياكى خىتايغا قايتۇرۇلغان.
«ۋاقىت» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىدە يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» نى يولغا قويغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمەمەت روزى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئەرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-مارت كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننى بۇ پىلانىنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئىدرىس ھەسەن ئۆتكەن يىلى 19-ئىيۇل كۈنى ماراكەشكە بارغاندا خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئىنتېرپول خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قىزىل ئۇقتۇرۇشقا بىنائەن ماراكەش ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتقۇن قىلغان، خىتاي دائىرىلىرى، ماراكەش بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە كېلىشىمى سەۋەبىدىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2017-يىلىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ دائىرىلەر مىسىردا ياشايدىغان كەم دېگەندە 62 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سوراق جەريانىدا قازا قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەتتا ھەج قىلىشمۇ خەتەرلىك بولغان. خىتاي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس بولغان ھەج پائالىيىتىنىمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشنىڭ تۇزىقىغا ئايلاندۇرغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا قانۇنلۇق ئولتۇراقلاشقان ئوسمان ئەھمەد توختى 2018-يىلى ھەج قىلىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان. نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۆمەر روزىنىڭ ئانىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھەجگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئانىسى ھەر كۈنى ئۆمەرگە ئۈچ قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بېيجىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان تېخنىكا باغلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۆلەتلىرى غەربكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن يېقىن بولۇشنى تاللاۋاتىدۇ.»
خىتاي بىلەن بولغان ئەڭ كۈچلۈك مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىدىغان مەركىزى بولۇپ قالغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەھمەد تالىپ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر 2018-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇتۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي دۇبەي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئايالى ئاماننىسا ئابدۇللاغا يولدىشىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئاسىيە ئابدۇلئەھەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2021-يىلى 8-ئايدا دۇبەيدە ئىككى خىتاي ساقچىسى ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى جەسۇر ھەبىبۇللادىن ئۇنىڭ كومپيۇتېرىغا كېچىك دىسكا ئارقىلىق ۋىرۇس يۇقتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولسا، چوقۇم ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان كرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.