يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» قارمىقىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور رايىن سام (Rian Thum) تەييارلىغان « خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سەككىز يىلدىن كېيىنمۇ قورقۇنچلۇق ھالەتتە: خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى نېمىشقا ئۆزگەرمىدى» ناملىق بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، يەنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ دوكلات خىتاينىڭ دۆلەت ھۆججىتى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت ۋە ھايات قالغۇچىلارنىڭ، يەنى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىنى پاكىت قىلىپ، ئۇلارنى يېقىندا نەشر قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تەييارلانغان. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ 2022-يىلدىن 2024-يىلغىچە بولغان باستۇرۇش خاراكتېرلىك دۆلەت سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەھلىل قىلىنغان. دوكلاتتا يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى ئۇچۇر كەمچىلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋالنى نورماللىققا قايتتى دەپ دۇنيانى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارغا ياردەم بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان: «ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت (ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلدىكى دوكلاتى) ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق (ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى، بىر قانچە غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باياناتى) تەشكىل قىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملاشتى. كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇشلار قىسمەن پەرقلىق شەكىلدە يولغا قويۇلدى. مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپتە خىتايلارنىڭ بېقىشىغا بېرىش قاتارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى كېڭەيدى».

دوكتور رايىن سام رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇرۇن بۇ ھەقتە دېيىلمىگەن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ياشانغانلارنى دۆلەتنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش ئورنىغا ئەۋەتىشكە بېسىمى قىلىشى ۋە ياشانغانلار ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى قۇرۇشىدۇر. دۆلەتنىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى پارچىلاش ئۈچۈن يولغا قويغان باشقا سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ يېزىلاردا بالىلار ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، ياشانغانلار بولسا دۆلەتنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئەمگەك قورامىدىكى كىشىلەر زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يەر زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغان ۋە ئائىلىسى پۈتۈنلەي پارچىلانغان. مېنىڭچە، ياشانغانلارنى بېقىشنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈلۈشى ھازىرغىچە ھەقىقىي خەۋەر قىلىنمىغان بىر ئىش. بۇ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قوش مەركەزلىشىش سىياسىتى› دەپ ئاتايدىغان سىياسەتنىڭ بىر قىسمى. بۇ ئەمەلىيەتتە يېتىم بالىلار ياكى ياشلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلار ۋە ياشانغانلارنى ئائىلىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئورتاق سىياسەت نىشانىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ»

ئامېرىكىدىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) بۇ يېڭى دوكلات ۋە دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ناھايىتى ئېنىقكى بۇ دوكلاتتا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە زۇلۇم ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ لاگېرلار ئازىيىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ ئورنىغا باشقا تۈردىكى ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتكەن. مېنىڭچە، ئومۇمەن ئېيتقاندا (ئۇيغۇر رايونىدا) ئەھۋال ياخشى ئەمەس. خىتاينىڭ مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ناھايىتى ئېنىق. مەن خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى كۆرمىدىم. مەزكۇر دوكلاتتىمۇ، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆپ ئۆزگەرتمىگەنلىكى ئىسپاتلانغاندەك قىلىدۇ».

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك 2022-يىلدىن 2023-يىلغىچە داۋاملىق كېڭەيدى. 2020-يىلىغا قەدەر كۆپىنچە لاگېرلار تاقالدى، ئەمما 2023-يىلى ‹ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش› سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولدى، خىتاي بولمىغان تۈركىي مىللەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلدى. خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت چەكلىمىسى ئالدىدا، كونكرېت شىركەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى توغرىسىدىكى نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار باستۇرۇلدى. ئەمما دۆلەت بۇ پىروگراممىغا ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى داۋاملىق ئوچۇق ئېلان قىلدى».

2023-يىلى يالقۇن ئۇلۇيول ۋە لاۋرا مۇرفىي قاتارلىقلار خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشىنى تەتقىق قىلغان ئىدى. ئادرىيان زېنز 2023-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ رايون مىقياسىدا تېز كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.

بۇ ئاكادېمىكلار تەھلىل قىلغان مەنبەلەردىن ئوتتۇرىغا چىققان ئومۇمىي يەكۈن تۆۋەندىكىچە: «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» سىستېمىسىنى كېڭەيتىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2021-يىلى ماقۇللانغان ۋە 2025-يىلغىچە داۋام قىلىشى پىلانلانغان بەش يىللىق پىلانىنىڭ بىر قىسمى. «كىشى-قېتىم سانى» (person-times) ئاساسىدا ئۆلچەنگەن «ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىشلىرى» نىڭ سانى 2021-يلىدا 3 مىليون 170 مىڭ، 2022-يىلىدا 3.03 مىليون، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 3.05 مىليون بولغان.

بو دوكلاتنى ئېلان قىلغان «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ قارمىقىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنجىئا گىدىلمەن (Andrea Gittleman) خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرگە تۆۋەندىكى تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى بەردى:

«مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ دوكلاتنى نەشر قىلىشىمىزدىكى مەقسەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا داۋاملىق دىققەت قىلىشىنى ساقلاشتۇر. رايىن دېگەندەك، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش تەس. شۇڭا رايىن بىز بىلگەن ئۇچۇرلارنى يىغىپ، (ئۇيغۇر ئېلىدە) يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى ھەقىقىي يېڭىلايدىغان سانلىق مۆلچەر بىلەن تەمىنلەپ قالتىس ئىش قىلدى. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى قوشۇمچە تەتقىقاتقا، مەلۇمات توپلاشقا مەبلەغ ئاجرىتىشىنى، جىنايەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە ھەقىقىي تىرىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى پېتېر ئىرۋىن (Peter Irwin) بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«سىز بۇ دوكلاتتىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. مەتبۇئاتلار ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارمۇ ئاز. بۇ بىزگە نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ يولغا قويغان سىياسەت-ئىجرائاتلىرى رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سىياسەتلەر داۋام قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ياقتىن كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇ دوكلات ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھەقىقىي يېڭى ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق ۋە چۈشىنىشلىك شەكىلدە تەمىنلىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا بۇ دوكلاتنى ب د ت غا ياكى ھۆكۈمەتلەرگە كۆرسىتەلەيسىز ھەم ئۇلارغا بېرەلەيسىز. دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆز رايونى ياكى يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن ۋاقىتتا (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) ئارقىغا چېكىنىشى تېخىمۇ تەس، رەت قىلىشى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ».