ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سايمون خاررىس (Simon Harris) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 17-فېۋرال ئىرېلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، خۇسۇسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 19-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، سايمون خاررىس ۋاڭ يىغا ئىرېلاندىيەنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتۇلغان مۇئامىلىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد لامى (David Lammy) بىلەن ئەنگلىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى ئۆتكۈزۈپ، ئارقىدىنلا گېرمانىيەدە ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيگەن پەيتتە، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان بىر مەيدان دىپلوماتىك ھۇجۇمىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىرېلاندىيەنى زىيارەت قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى قايتا ئۈستىگە ئالغاندىن بېرى ئىرېلاندىيەگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق بۇ زىيارىتى، ئىرېلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىغا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغانىدى.
ۋاڭ يى ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىنغا يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا «ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىرگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى مايكېل مارتېن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سايمون خاررىسنى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى چاقىرغان. ئوچۇق خەتتە مايكېل مارتىن بىلەن سايمۇن خاررىسنىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سادىر قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە سىياسىي غەرەزلىك قاماش قىلمىشلىرىغا قارشى كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشى» تەلەپ قىلىنغان.
«ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرىيە زەيدىننىڭ 19-فېۋرال مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن سودىنى دەپ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان. نۇرىيە زەيدىننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىرېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، سايمون خاررىس ۋاڭ يى بىلەن «كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە ئىنچىكە ۋە ئىجابىي پىكىر ئالماشتۇرۇشىدا بولغان»، شۇنداقلا «رەقەملىك (دىگىتال) ساھە، سودا، مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا تېمىلاردا تېخىمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەمىلى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىنى سېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «مەن مىنىستىر (ۋاڭ يى) بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ب د ت نىزامنامىسى ۋە ب د ت ئورگانلىرى ھەم ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىرېلاندىيە تاشقى سىياسىتىدىكى مەركىزى ئورنىنى شەرھلىدىم. مەن يەنە ئىرېلاندىيەنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، سايمون خاررىس يەنە «ئىرېلاندىيە ئەندىشە قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ئىچىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىشى ھەم نازارەت قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ چاقىرىقى ئىرېلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئىرېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ 12-فېۋرالدىكى يىغىنىدا پارلامېنت ئەزاسى مالكوم بېرن (Malkolm Byrne) سۆز ئېلىپ، ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاڭ يى كەلگەندە ئۇنىڭدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالكوم بېرن مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن كۈچلۈك دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇھىم. ئەمما باش مىنىستىرنىڭ 2023-يىلى 5-ئايدا ئىرېلاندىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسىدە قىلغان تەڭپۇڭ ھەم ئۆلچەملىك سۆزلىرىنى ئويلىغىنىمدا، مەن ئۇنىڭ خىتايدا، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئۈمىد باغلىماقتىمەن.»
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىممەت قارىشى، دېموكراتىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپقا چۈشۈپ قالغان پەيتتە، ۋاڭ يى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسسارى كاجا كاللاس (Kaja Kallas)، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولتىز (Olaf Scholz)، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) باش سېكرېتارى (Mark Rutte) مارك رۇتتېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ۋاڭ يى كاجا كاللاس بىلەن بولغان سۆھبەتتە «خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ھېچقانداق مەنپەئەت توقۇنۇشى ياكى سىياسىي جۇغراپىيە توقۇنۇشى يوق» دېگەن. ئانالىزچىلار ۋاڭ يىنىڭ سۆزى، ميۇنخېن يىغىنىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەنقىدلىگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج. د. ۋەنسنىڭ (JD Vance) سۆزى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ج. د. ۋەنس يىغىندا ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنى ئوڭچى پارتىيەلەرنى ئاممىۋى پىكىرلەرگە «سۈزگۈچ» سېلىش (سېنزورلاش) ۋە كۆچمەنلەرنى كونترول قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.