ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خوتەن شەھىرىدىكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كونا كۆۋرۈك بىلەن يېڭى كۆۋرۈك ئوتتۇرىسىغا قاشتېشى سودا مەركىزىنى قۇرغان بولۇپ 28-ئاۋغۇست يوپۇقى ئېچىلىپ تىجارەت باشلىغان. ئەسلىدە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى سودا بازىرى خېنەننىڭ جېنپىڭ ناھىيىسىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 450 مو كېلىدىكەن. خوتەن شەھىرىدە بەرپا قىلىنغان بۇ قاشتېشى سودا مەركىزىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 570 مو كېلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قاشتېشى سودا مەركىزى بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزى ئاددىيلا ئېلېكترون سودا سۇپىسى ئەمەس، ئۇ خوتەن قاشتېشى كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ قالماستىن، يەنە قاشتېشى بازىرىنىڭ ساغلام، ئۆلچەملىك تىجارەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خوتەن قاشتېشى كەسپىنىڭ ئۆلچەملىشىش، خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ كەسىپلىشىش تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. خوتەن قاشتېشى سودا بازىرىنىڭ تىجارىتى زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشىدە كۈچلۈك تۈرتكىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.» بۇ مەركەزدە، قاشتېشى سودىسى، پىششىقلاپ ئىشلەش، باھالاپ بېكىتىش، ساياھەت بىر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خوتەن قاشتېشى كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، بازار تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي رىقابەت ئەمەلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
خوتەن ۋىلايىتىدە 2004-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 2 نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ قاشتېشى مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى بەلگىلىدى. خوتەن مەمۇرى تورىدا قاش تېشى ماكانى، يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك بايرامدا «بىر قاتار ئىقتىساد-سودا كېڭىشىش پائالىيىتى ئارقىلىق خوتەننىڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى نامايان قىلىندى، قاشتېشى مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىمۇ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەزىز مېھمانلار يىغىلىدىغان، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كاتتا مەرىكىگە ئايلاندى» دەپ كۆرسەتكەندىن باشقا، يېڭى تىجارەت باشلىغان قاش تېشى سودا مەركىزىنى قاشتېشى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەشۋىق قىلىپ، خوتەن قاشتېشى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەرلىك قاشتېشى سودىگەرلىرى بۇلارنىڭ قۇرۇق شوئار بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ قاشتېشى مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىنىڭ قاشتېشىنى ۋاسىتە قىلىپ، خىتايدىن سودىگەر چاقىرىپ خوتەننىڭ ئۆزگىچە بايلىقى بولغان شۇنداقلا مەنبەسى چەكلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان قاش تېشى سودىسىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىلىسىدە 4-ئەۋلاد «تاشچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خوتەنلىك بىر ئۇيغۇر ياش، ئۆزىگە ئوخشاش ئاتا مىراس كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تاشچىلار كۆپ بولسىمۇ، ئۆز يۇرتىدا ئېچىلغان قاشتېشى بايرام ۋە سودا يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئاساسەن خىتايلارنىڭ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، «بىزگە ئۇنىڭدىن نەپ يوق» دەپ بىلگەچكە ئۆزىنىڭمۇ قىززىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ياش تاشچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «قاشتېشى خۇددى نېفىتكە ئوخشاش خۇدانىڭ خوتەن خەلقىگە قىلغان بىر ئىنئامى خالاس.» لېكىن، بولۇپمۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن خوتەنگە كېلىپ تاش قازغۇچىلار كۆپەيگەن. شۇنداقلا قاشتېشى چىقىدىغان دەريا ساھىللىرىنىڭ پىلانسىز تاش قېزىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ھازىر دائىرىلەر دەريا ساھىللىرىدا شەخسلەرنىڭ تاش قېزىشنى قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلىگەن. بۇ تاشچى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى «مەنبە ئاز، شېرىك جىق بولۇپ قالدى» دەپ يىغىنچاقلىدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خوتەندە دەريا ساھىللىرىدا تاش قېزىش چەكلەنگەندىن كېيىن، پەقەتلا شىركەتلەر كۆتۈرە ئالغان دائىرىدە ياكى كاندا تاش قېزىشقا رۇخسەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلار ھەممىسى خىتاي سودىگەرلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۆزى تاش قېزىشقا ئامالسىز قالغان ئۇيغۇر تاشچىلار ھازىر شۇلارغا ياللانما بولۇپ ئىشلەپ جان بېقىشقا مەجبۇر. گەرچە بىر قىسىم بېيىغان ئۇيغۇر تاشچىلار بولسىمۇ «ئۇلارنىڭ كانلارنى ھۆددە ئېلىشقا قۇربى يوق ياكى يولى يوق.»
خوتەندە قۇرۇلغان بۇ چوڭ قاش تېشى سودا مەركىزى نەق مال سودىسى ۋە «ئىنتېرنېت تورى» مۇلازىمەت ئەندىزىسىگە تايىنىپ، خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى كەسپىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما بۇ ياش تاشچى ئىنتېرنېت سودا سۇپىلىرىنىڭ ئاساسەن خىتاي تىلىدا ئىكەنلىكىنى تىل ۋە تېخنىكا ھەمدە ئەسۋابلار سىياسەت چەكلىمىلىرى بىلەن ئادەتتىكى دېھقان تاشچىلار بۇ بازارلاردىن يىراق قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، گەرچە دائىرىلەر يېڭى زامانىۋى ئاكسىيە بازىرى ۋە تور بازارلىرى ئارقىلىق خوتەن قاشتېشى سودىسىغا پۈتۈنلەي ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، خوتەن شەھىرىدە بىر قەدەر نامى چىققان خوتەن قاشتېشى سودا بازىرىدىن ئۈچى بارلىقىنى، بۇ ئۈچ بازارنى ھۆكۈمەت قۇرغان بولماستىن، بەلكى تارىخ ۋە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن، تارىخى ئۇزۇن يەرلىك ئاممىغا ئەڭ تونۇشلۇق ۋە قۇلايلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىۋاتقان بازار بولغاچقا «ئۇنداق ئاسان يوقىلىپ كەتمەيدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كادىر: «قاشتېشىنى ۋاسىتە قىلغان بايراملار، پەقەتلا سودا ۋە مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ مەدەنىيەت ۋە بايلىق مەنبەلىرىگە زىيان يەتمەكتە...»
خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرلىرىنىڭ بىرى ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، «بۇ نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمىغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1000 غا يېقىن قاشتېشى سودىگىرى، قاشتېشى مۇتەخەسسىسلىرى، خوتەن قاشتېشى ھەۋەسكارلىرى يىغىلغان. خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى خوتەننىڭ سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈشىدىكى نۇقتىلىق سەھنىگە ئايلانماقتا ئىكەن. ئەمما ئۇ جاۋابلىرىدا بۇ بايرامغا ئۇيغۇر قاش تېشى سودىگەرلىرىنىڭ ئاساسەن قاتناشمىغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.
بۇ كادىرنىڭ قارىشىچە، قاشتېشىنى مەنبە قىلغان بۇ خىل بايراملار مەدەنىيەتنى سودا ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ۋاسىتە قىلىۋالماقتا. ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ مەدەنىيەتنى قوغدىماي، ئەكسىچە چەكلىك مەنبەنى بايلىق دەپ قاراپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ كەلگۈسى مەنپەئەتنى قۇربان قىلماقتا. قاشتېشى بايلىقىنى خورىتىپ ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قاشتېشى كولاشقا بولىدىغان بەش چوڭ كاننى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن خىتاي سودىگەرلەر ئىگىلەپ بولغان. ھۆكۈمەت يەنە تاشنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇنى بىر قېلىپقا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس قاشتېشى مۇتەخەسسىسلىرىنى خىتايدىن تەكلىپ قىلىپ خوتەنگە يەرلەشتۈرگەن.
خوتەن گېزىتىنىڭ بۇلتۇرقى 12-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىغا دائىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ قۇرغان، پېيىنى دۆلەت كونترول قىلىدىغان قاشتېشى سودىسى سۇپىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 2-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، 2014-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى تاماملىشى قارار قىلىنغان. خوتەن مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى بېيجىڭ شەھەرلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى 4-بىناكارلىق شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا، موزېي، ناخشا-ئۇسسۇل سەنئەت مەركىزى، ئېنېرگىيە مەركىزى ۋە يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ئوخشاش خوتەندىكى مۇھىم مەدەنىيەت ئىمارىتى ۋە نامايەندە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى خوتەن شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاساسەن خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بەرگەن.
خىتاي كادىر: «قاشتېشىمۇ، نېفىتكە ئوخشاش دۆلەتنىڭ بايلىقى»
بىز ئاساسلىق قاشتېشى كانلىرى ۋە ئاساسلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەقەتلا خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا بېرىلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن، خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق ۋە سودىگەر چاقىرىش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر خادىم خوتەندىكى قاشتېشى كانلىرىنىڭ ۋە ئاساسلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت بازارنىڭ تەرتىپلىك قانۇنلۇق ۋە ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بازار رىقابىتىدە ھېچقانداق ئايرىمىچىلىق يوق دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خوتەندىكى قاشتېشى مەنبەلىرىمۇ نېفىتكە ئوخشاش دۆلەت بايلىقى، قاشتېشى كانلىرىنى كىم ئاشتى قىلىپ سودىگەر چاقىرىشتا، كۆتۈرە ئالغان سودىگەرلەر قازغان بايلىقىنىڭ مىقدارىغا قاراپ دۆلەتكە باج تاپشۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ خوتەن ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتكىمۇ پايدىلىقمىش. ئۇ خوتەندىكى قاشتېشى كانلىرىنىڭ قايسى شىركەتلەرگە ھۆددىگە بېرىلگەنلىكىگە دائىر ئىنچىكە تەرەپلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويدى.
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، خوتەننىڭ نوپۇسىنىڭ 95% تىن يۇقىرىسىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. ھەمدە خوتەن ئىزچىل ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچىمۇ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىۋېتەلمەي كەلگەن جايدۇر. شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردا خوتەندە نامۇۋاپىق بايلىق ئېچىش ۋە كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلىرى خوتەن خەلقىنىڭ يەنىمۇ نامراتلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، خوتەندە كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك نارازىلىق ۋە قارشىلىقلار، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.