يېقىندا ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ليۇداۋان رايونىغا قاراشلىق تىكقۇدۇق كۆمۈر كېنى 2010-يىلى بۇيرۇق بىلەن تاقالغاندىن بۇيان، مەزكۇر كاندىكى كۆمۈر كولاشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان 1500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى ئىشسىز قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ھەر خىل تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قالغان.
ھالبۇكى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەزكۇر كان ئىشچىلىرىنىڭ تىك قۇدۇق ئولتۇراق رايونى «شەھەر قۇرۇلۇشىنى رەتكە سېلىش» نامىدا چېقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار 90 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان تىكقۇدۇق مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇلىرى چېقىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن. نۆۋەتتە تىكقۇدۇق كۆمۈر كېنىدا ئىشلىگەن سابىق كان ئىشچىلىرىنىڭ تىرىكچىلىك ئەھۋالى قىيىنلىشىپ، ياشاش شارائىتى پۈتۈنلەي كېسىلگەنلىكى مەلۇم.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاقالغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈر كانلار يەنىمۇ كۆپەيگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە يىلىغا 11 مىليون توننا ئەتراپىدا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆمۈر كانلاردىن 113 جايدىكى كان بۇيرۇق بىلەن تاقالغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى «مۇھىتنى بۇلغاش ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى تولۇق بولماسلىق» دېگەن باھانىلەردە تاقىشى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆمۈر شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈۋېتىشى 2010-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ليۇداۋان رايونىغا قاراشلىق تىكقۇدۇق كۆمۈر كېنى ئەڭ دەسلەپ بۇيرۇق بىلەن تاقالغان يەرلىك كۆمۈر كانلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىرى. پەرھات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر كانلارنى ھەر خىل باھانىلەردە تاقىۋېتىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان بايلىقلارنى ئىگىلىۋېلىش ھەرىكىتىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنى تىرىكچىلىك ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش، رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش ۋە شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە كېلىدىغان تەھدىتنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا 2010-يىلىلا ئەسلىدىكى بىر قىسىم يەرلىك كۆمۈر كانلىرىنى تاقاش ھەرىكىتى باشلانغان. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2010- يىلى 5- ئايدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئاچقان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت ناھىيەلەرنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىگە «نۇقتىلىق ياردەم» بېرىدىغان رايون دېگەن نامىدا بۆلۈپ بەرگەن. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇيرۇق بىلەن تاقالغان ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۆمۈر كانلىرىدىن ئىلى دىيارىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى، ئۈرۈمچى تىك قۇدۇق كېنى، بورتالا كۆمۈر كېنى قۇمۇلنىڭ تارانچى كۆمۈر كېنى ۋە چۆچەك كۆمۈر كېنى قاتارلىق كانلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010- يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يەرلىك كۆمۈر كانلاردىن تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق كۆمۈر كان بۇيرۇق بىلەن تاقالغان. ئەمما يەرلىك كۆمۈر كانلىرى تاقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك كان ئىشچىلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى.
0:00 / 0:00