1-سېنتەبىر كۈنى 25 دۆلەتتىن كەلگەن 50 پارلامېنت ئەزاسى چېخىيە پايتەختى پىراگادا «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» (قىسقىچە ئايپەك-IPAC) نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۈچۈن توپلانغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ چېخىيە ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئېلىپ بارغان يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملاشقان.
IPAC نىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىنىنىڭ يادرولۇق نۇقتىسى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئالتە تېما ، يەنى تەيۋەن، ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتە يېڭى يوللارنى تېپىش، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش، خوڭكوڭ، «بىر بەلباغ بىر يول» پىروگراممىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلار ئۈستىدە بولغان. يىغىندا قانۇن چىقارغۇچىلار بۇ تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەمدە كەلگۈسى بىر يىلدا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر يىغىنغا چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي پائالىيەتچىلەر قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىملار بار ئىكەن. ئۇلار بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېغىر مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىرىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، يىغىندا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە IPAC ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
2020-يىلى قۇرۇلغان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە روبېرت مېنېندېز، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر قاتارلىق مۇھىم شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، «خەلقئارا تەرتىپنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» دېگەن شوئارنى ئۆزلىرىگە ئورتاق نىشان قىلغان ئىكەن.

رەھىمە خانىم IPAC نىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بىر كومىتېت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ بىرلىككە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
زۇمرەتئاي خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى مەزكۇر يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنىڭ ناھايىتى جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
IPAC ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ماقۇللانغان قاراردا، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا خىتاينىڭ ۋەھشىي سىياسەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.