قىسقىچە IPAC دەپ ئاتالغان «خەلقئارا پارلامېنتلار خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ 4-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 30-ئىيۇل تەيۋەندە ئاخىرلاشقان. يىغىنغا 23 دۆلەتتىن ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدىن بولۇپ جەمئىي 49 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە سىياسەتچى قاتناشقان بولۇپ، يىغىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەلگىلىك دىققىتىنى قوزغىغان.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 30-ئىيۇل ئېلان قىلغان «IPAC ۋە 1971-يىلىدىكى ب د ت نىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې IPAC ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: «IPAC نىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ تەيۋەندە چاقىرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. 23 دۆلەتتىن ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىن 49 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە مۇھىم سىياسەتچىلەر بېسىملاردىن قورقماي، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۆمەك تەشكىللەپ كېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەنگە بولغان ئېتىبارىنى ۋە قوللىشىنى نامايان قىلدى. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك ھەمراھلىرىمىزغا دېموكراتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىققا ۋە قوغداشقا موھتاجلىقىدەك مۇھىم بىر ئۇچۇرنى تارقىتىدۇ، شۇنداقلا بۇ كۆپچىلىكنىڭ مۇستەبىتلىكنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ».
لەي چىڭدې سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان: «خىتاي مۇستەبىتلىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قورقۇتۇشتىن سىرت، يەنە دىپلوماتىيە جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش، تور ھۇجۇمى قوزغاش، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۈلرەڭ بەلۋاغقا ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە. خىتاينىڭ ھوقۇق كېڭەيمىچىلىكى قىلمىشلىرى دائىم قانۇنىي كۈرەش ياكى تارىخنى بۇرمىلاش شەكلىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. قانۇن بولسا ئەدلى-ئادالەتنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسى، تارىخ بولسا ئۆز-ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ ئەينىكى، بۇنى چەت´ئەلگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى بۇنىڭ ئىنتايىن روشەن مىسالىدۇر».
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، IPAC ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، IPAC نىڭ تەيۋەندىكى بۇ يىغىنى ئىنتايىن نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، IPAC قوشۇنىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشى خىتايغا نىسبەتەن خەلقئارالىق بېسىملارنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
«بۈگۈنكى تەيۋەن» تورى ھەمدە IPAC نىڭ تورىدىكى مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە IPAC نىڭ 8 نەپەر ئەزاسىغا ۋە ئۇلار مەنسۇپ بولغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇچۇر يوللاپ، ئۇلارغا تەيۋەنگە بارماسلىق، يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن. بىراق خىتاينىڭ بۇ بېسىمى IPAC ئەزالىرىغا بېسىم شەكىللەندۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، IPAC نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن زىچ ئالاقىدار بىرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ بىرلىكنىڭ قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇلۇشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ب د ت سابىق كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشىدىمۇ IPAC نىڭ زور تۈرتكىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، IPAC كاتىباتلىق بۆلۈمىنىڭ خادىمى رەھىمە خانىممۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، IPAC قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى كۈچلۈك بىر ئاۋازى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
IPAC بولسا 2020-يىلى 4-ئىيۇن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيولارنىڭ ئىشتىراكىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 18 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇقنى، دېموكراتىيەنى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بولغان. ھازىر ئىپاچ كە ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 40 تىن، ئەزا بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 250 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ قېتىم تەيۋەنمۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن؛ تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى ئىپاچ نىڭ قوش رەئىسلىكىگە سايلانغان.