ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرى سەيشەنبە كۈنى مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنى 2025-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار نوبېل كومىتېتىغا ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپىدا يەنە موڭغۇل پائالىيەتچى خادا، خوڭكوڭ پائالىيەتچى جىممى لەي، خىتاي خرىستىئان پوپى ۋاڭ يى ۋە ژۇرنالىست خۇاڭ شۇچىننىمۇ بۇ مۇكاپاتقا بىرلىكتە كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەف مېركلىينىڭ نوبېل كومىتېتىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا، «بۇ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە كەلگەن زور بەدەلگە قارىماي باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىغان بۇ شەخسلەرگە بېرىلگەندە، ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان مىلياردلارچە خەلقنىڭ ئىپادىلىگەن تېنچلىق ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىستىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلق بىلەن ھېچ پەرقى يوقلىقىدەك سىگنالنى بېرىدۇ» دېگەن.
بۇ ئىككى قوش رەئىس مەكتۇپىدا يەنە، «ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تېنچلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تاللىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى خىتاي دائىرلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان قەبىھ جىنايەتلىرىنى نەزەرگە تۇتقىنىمىزدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ» دېگەن.
بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇنجى قېتىم نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىشى بولماستىن، بۇ كومىتېت ئىلھام توختىنى ئۆتكەن يىلىمۇ كۆرسەتكەن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە قادىر خانىم ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن.