مۇتەخەسسىسلەر: بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» غا قاتناشقان «ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى» خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 4-مارتتىن 9-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتايغا مايىل دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان خەۋەرلەرنى بەرمەكتە. ئەمما غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردا، خىتاينىڭ مەزكۇر ئىككى يىغىنى ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەر ھەققىدە پەرقلىق خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىنغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن قاتناشقان «ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى» نىڭ، «خىتايدا ھەممە مىللەتلەر باراۋەر» دېگەن تەشۋىقات ئېھتىياجىدىن يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان.

خەۋەردە يىغىنغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى باراۋەر دېيىلىدۇ، بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مېتودىنىڭ بىرىدۇر. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلار نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى سىياسەت ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىغا ۋارىسلىق قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار يەنىلا دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %92 نى ئىگىلەيدۇ».

خەۋەردە يەنە، خىتايدىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ، مەسىلەن مانجۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ: «مانجۇلار سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، خىتايدا 300 يىل ھۆكۈمران بولغان، ئەمما ئۇلار خىتايلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان 1-جۇمھۇرىيەت مەزگىلدىلا ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ يوقىتىلدى» دېيىلگەن.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى ۋە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «مىللىي باراۋەرلىك سىياسىتى» خىتاي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ سىياسىي ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. خىتايدا گەرچە «بارلىق مىللەتلەر باراۋەر. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە» دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خەلقلەر خىتايدا ئەزەلدىن «يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى» ۋە «مىللىي باراۋەرلىك» ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان.

ما جۈ خىتاينىڭ يىلدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىنى ۋە مىللىي باراۋەرلىك سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىغىن نامىدىكى بۇنداق يىغىنلارنى ئېچىش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى، خىتايدا مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىل ۋە رەڭگارەڭ ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق سىياسىتى.»

ما جۈ ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بۇنداق بىر خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل نەيرەڭۋازلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىدىغانلارنى ئالدىيالىسىمۇ، ئەمما غەربتىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنى ئالدىيالمىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ما جۈ ئەپەندى يىغىنغا مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ قاتناشقان ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىزچىل ھالدا دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا چەكلىمىلەرگە ئۈزلۈكسىز ئۇچراپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان تۈركىي خەلقلەر، تۇڭگانلار، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى باستۇرۇش نىشانى قىلىنغان.

ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن ئۆرنەك ئالغان، شۇنداقلا تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ «باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قېقىش، قوشۇۋېلىش ياكى يوقىتىش» ئەنئەنىسىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغان.

ما جۈ ئەپەندى خىتايدا «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئۇندىن باشقا نۆۋەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىلىۋاتقان موڭغۇللار، باستۇرۇلۇۋاتقان تىبەتلەر، دىنىي ئېتىقادى يوقىتىلىۋاتقان تۇڭگانلار ۋە باشقا بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچار بولغان مەجبۇرىي «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىن ئۇنى كۆرۈۋالالايمىز».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا «مىللەتلەر باراۋەر» خاھىشى مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى تارىخىدىن قارىغاندا، خىتاي مۇتەپەككۇرى كۇڭزى دەۋرىدىلا ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش تەرغىب قىلىنغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى» ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دۆلىتى قانۇن دۆلىتى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيە ۋە مىللەتلەر باراۋەرلىك سىياسەتلىرى پەقەت قەغەز يۈزىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايدىكەن. ھەر يىلى بېيجىڭدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرى ئېچىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقاچان خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلمايدىكەن، شۇڭا خىتاي دۆلىتىدە مىللىي باراۋەرلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.