ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئايدىڭلاشتى

28-دېكابىر كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بىرقانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى قېتىم ناھىيەلىك پارتكومغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئېلان قىلدى.

رادىيومىز 3 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىككى نەپىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى ئاكا-ئۇكا توختىمۇھەممەت تۇرسۇننىياز بىلەن نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز ئىكەن. يەنە بىر نەپىرى جاھانباغ يېزىسىدىن ئابدۇللىتىپ مەتقۇربان ئىكەن.

تۇيۇقسىز ھاراق تاشلىغان ئابدۇلمىجىت ئابلەتنىڭ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر تۈزۈپ چىققان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىدا ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلاشنىڭمۇ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ بىر خىل بېشارىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا 2014‏-يىلى باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى داۋامىدا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لوپ يېزىسىدىكى ئابدۇلمىجىت مەمەتنىڭ «تۇيۇقسىز ھاراق تاشلىغانلىقى» ۋە دوستلىرىغا ناماز ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. شاھىتلاردىن تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئارزۇگۈل نۇرمەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوخشاش ئەھۋال خوتەن ۋە ئاقسۇدىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.

تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتتى

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2012-يىلى ئامېرىكىدىن ئانا يۇرتىغا قايتىپ، ئانا تىللىق مائارىپ يولىدا دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ كۆرۈشى ۋە ئاخىرىدا تۈرمىگە تاشلىنىشى خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنىڭمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىز ئارقىلىق ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئاچچىق سەرگۈزەشتلىرى بىلەن قانداق شارائىتتا ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇ، «مەن تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ ھۆر دۇنياغا قايتىپ كەلدىم، ئەمما خەلقىم ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ئانا تىلدىكى مىللىي مائارىپ يولىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىدىم،» دېدى.

ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە سىدنېي ئۇيغۇر كوماندىسى چېمپىيون بولغان

ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13-قېتىملىق «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مېلبورن شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.

مۇسابىقىدە سىدنېي ئۇيغۇر كوماندىسى چېمپىيون بولغان. مېلبورن ئۇيغۇر كوماندىسى ئىككىنچى، ئادېلايد ئۇيغۇر كوماندىسى ئۈچىنچى بولغان.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر لوڭقىسى» سىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئاۋسترالىيەدە 2006-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆز-ئارا چۈشىنىشى مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت قەشقەرى تۈرك دۇنياسى پەن-تېخنىكا ۋە لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن

تۈركىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇجاھىت قەشقەرى ئۆزى لايىھەلىگەن يېڭى ئەسىرى بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، يەنە بىر قېتىم تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولغان.

مۇجاھىت قەشقەرى لايىھەلىگەن پۈتۈن كۈن ئاپتاپ چۈشىدىغان ئايلانما ئۆي مودېلى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى پەن-تېخنىكا ۋە لايىھەلەش مۇسابىقىسى» دە ئالدىنقى 100 پروجېكت قاتارىغا كىرگەن ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

مۇجاھىت قەشقەرىنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىچىك مۇجاھىتنىڭ بۇ خىلدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەردە «ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ ئاڭلىتىپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ ئاي جەريانىدا قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» ۋىۋىسكىسى بىلەن كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى چېقىۋېتىشى يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈرك تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 4 چوڭ گېزىتىنىڭ بىرى بولغان ۋە ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارىتا مايىللىقى بىلىنگەن «يېڭى شەپەق» گېزىتى بۇ ھەقتە «شەرقى تۈركىستاندىكى مەسچىت بىتچىتى» دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 3500 دەك چوڭ-كىچىك مەسچىتنى بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ چېقىۋېتكەنلىكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەت پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.