«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» ئۇيغۇر خەلقىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا

0:00 / 0:00

«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» (HLS) تەشكىلاتى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەكبەر ئەسئەت دېلوسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

«باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى ئامېرىكا زىيارىتى پىروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئامېرىكىغا كەلگەن. خىتايغا قايتقاندىن كېيىن، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى بولمىغان، پەقەت 2020-يىلنىڭ بېشىدا «مىللىي ئۆچمەنلىك» ۋە «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئەكبەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى نويابىر.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئەكبەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى نويابىر. (رەيھان ئەسئەت)

بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكادا ۋە خەلقئارادا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىنىم ئەسئەتتىن كۆپ نەرسە ئۆگەندىم. ئۇ مىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشتى. ئۇ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلغان نەمۇنىلىك بىر شەخس» .

«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» تەشكىلاتى ئەكبەر ئەسئەت دېلوسىنى مەركەز قىلغان ئاساستا، 2020-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇلار لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەكبەر ئەسئەتكە ئوخشاش كۆپلىگەن مەھبۇسلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان ھىنا ئوددىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2020-يىلىدىن بۇيان ئەكبەر ئەسئەت توغرۇلۇق كۆپ قېتىم تەشۋىقات ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلايدىغان بىر تەشكىلات. شۇڭا بىز ھەر خىل پىروگراممىلار (تۈرلەر) ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدايدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىمىز ۋە كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. بىز ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ئەھۋالىنى (دېلوسىنى) خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئاچىسى (رەيھان ئەسئەت) ئارقىلىق خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خىزمىتىمىز بىر قانچە يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى. 2020-يىلىدىن بۇيان ئەكبەر ئەسئەت توغرۇلۇق كۆپ قېتىم تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدۇق. »

رەيھان ئەسئەت مۇنداق دەيدۇ: «<خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇسچىلىرى> تەشكىلاتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىنىم ئارىسىدا ئالاھىدە بىر كۆڭۈل بېغى ھاسىل بولدى. ئىنىم ئۇلارغا بىر ئۆرنەك (مىسال) بولدى. ئۇلار ئىنىمنىڭ دېلوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى چۈشەندى» .

ھىنا ئوددىن خانىم، ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دېلوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردۇق. ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دېلوسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. دەسلەپتە بۇ ئىشنى رەيھان بىزگە تونۇشتۇرغان. بۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ جەرياندا ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. رەيھان بولغاچقا، ئەكبەرنىڭ مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پىرېزىدېنت بايدىنغا چاقىرىق قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى ۋە ياردىمى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن ئەكبەر ئەسئەت مەسىلىگە سەل قارىماسلىقى ۋە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق. بىز ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيناش ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش (لاگېر) لارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز ۋە ئۇلارغىمۇ كۆڭۈل بولىمىز. بىز ئەكبەر ئەسئەت ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، (ئۇيغۇر ئېلىدە) يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇڭا مەن ئەكبەر ئەسئەت دېلوسىنىڭ ئۇنىڭمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان باشقا كىشىلەرگە مىسالى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. »

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئەكبەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى نويابىر.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئەكبەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى نويابىر. (رەيھان ئەسئەت)

«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئەكبەر ئەسئەتنى قويۇپ بېرىش توغرۇلۇق كۆپ قېتىم نامايىشلارنى تەشكىللىگەن ۋە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانىدى.

«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىنغا مەكتۇپ يوللاپ، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىغا كەلگەن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئەكبەر ئەسئەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار بۇ مەكتۇپتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەر دەل بىز ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيتتۇر» دېگەن ھەمدە پىرېزىدېنت بايدىننى ئەكبەر ئەسئەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغانىدى.