خۇ پىڭ: « ‹غەربىي رايون پىلانى› كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈشتۇر»

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتايدا «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ غەربىي رايون پىلانى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى پىكىر» دەپ ئاتالغان بىر بەلگىلىمە تارقىتىلغان. بۇ ئاتالمىش «پىكىر» دە، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تاللاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ 20 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مەزكۇر «غەربىي رايون پىلانى» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان، تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرىدىغان، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن مۇستەملىكە پىلان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي تورى»، «خەلق تورى» ۋە «خىتاي ياشلار گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياش ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا كىرىشكەن. ھۆكۈمەت تارقاتقان مەزكۇر «پىكىر» دە: «غەربىي رايون پىلانىنىڭ سىياسەت قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قۇرۇلۇشى بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش مەقسەت قىلىنغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ 2003-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان مەزكۇر «غەربىي رايون پىلانى» نىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا تېخىمۇ كۆپ خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياشلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش پىلانىدا خىتاي ياشلارنى كۆزگە تۇتقانلىقىنى، ماھىيەتتە بۇنىڭ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن 70 يىلدا شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندىكى كۆپىيىشىگە شاھىت بولدى. 1953-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئۇيغۇرلار شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %75 تىن كۆپرەكىنى، خىتايلار ئاران %6 نى ئىگىلىگەن بولسا، ئەمما 2020-يىلدىكى يەتتىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ئاران %45 نى، خىتايلار %42 نى ئىگىلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە %95 تىن كۆپرەكى خىتاي يېڭى كۆچمەنلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقا جايلاردىن كەلگەن. بۇ نىسبەتنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆتكەن 20 يىلدا يۈز بەرگەن. شۇڭا بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى ماھىيەتتە، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ مىللىي تەركىبىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر.»

ئۇ يەنە، بۇ ئاتالمىش يېڭى «پىكىر» نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزلەر ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق شەرھلەپ ئۆتتى: «ھازىر رايوندىكى ۋەزىيەتنى سىياسىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا، رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش ئارقىلىق خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوننى كونترول قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىر خىتاي ئىقتىسادى كاساتچىلىققا دۇچ كەلدى، ياشلار خىزمەت تاپالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلەرگە خىزمەت يوقلۇقى مەلۇم. چۈنكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليوندىن 30 مىليونغىچە كىشى ئىشسىز بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار باشقىلارنى شىنجاڭغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن بەزى قولايلىقلار شارائىتلارنى يارىتىپ بەرمەكتە.»

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، 2003-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە «غەربىي رايون پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىدائىيلىرىنىڭ «دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، دۆلەت ۋە چېگرانى قوغداش، مائارىپ، داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭدا ياشاشنى تاللىغان» لىقى دەپ داۋراڭ سېلىنغان.

يېقىندا، 2025-يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «غەربىي رايون پىلانىغا قاتنىشىشى» ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تىزىملىتىشى جىددىي چاقىرىق قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ «غەربىي رايون پىلانى» دا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تاللاش» كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىشىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىمۇ ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ھەر خىل ناملار بىلەن ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «غەرب پىلانى» نىڭ نەتىجىسىدۇر، ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئەجەللىك ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان «غەربىي رايون پىلانى» ھەرىكىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان خىتاي ياشلىرىنى «چېگرا رايونلاردا يىلتىز تارتىش» چاقىرىقىدىنمۇ قەبىھ ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى» غا ئوخشاش ھەر خىل دەبدەبىلىك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، رايوندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «غەربىي رايون پىلانى» ۋە سىياسەتلىرى ماھىيەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئامېرىكادىكى «چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تېگى-تەكتىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ كونترول قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش بولۇپ، ھازىر ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى كونترول قىلىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاللىقاچان ئىنتايىن ئېغىر ھالەتكە يەتتى. ھالبۇكى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىشقا چاقىرىق قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇ رايونلارنى خىتايلاشتۇرۇشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلارنى ئۇ يەرگە ئىشلەشكە جەلپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. ھازىر خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئىستاتىستىكىنى ئېلان قىلىشنى خالىمايدۇ.»

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ۋە «غەربىي رايون پىلانى» نىڭ رايوندىكى يەرلىك تۈركىي مىللەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەممىسى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال داۋاملاشسا، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقىنىڭ كىملىكى پۈتۈنلەي يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر ئىچكىرى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يەنى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رايونغا بېرىپ ئاتالمىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى ياكى باشقا خىزمەتلەرنى قىلسا، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. چۈنكى بىر تەرەپتىن، رايوننىڭ خىتايلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، رايوننىڭ يەرلىك ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تېخىمۇ چوڭ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار كەڭ كۆلەملىك ھالدا ياشلارنى رايونغا خىزمەت قىلىشقا تاللاش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.»

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياشلارنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئاكتىپلىشىشى ماھىيەتتە، ئۇيغۇرلارغا پايدا ئەكېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەشتۇر.