ئادۋوكات مايكول پولاك: خىتاي مەجبۇرىي غايىب قىلىۋەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقىمۇ يوچۇق قويمايدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تەقىب سىستېمىسىنى ۋە لاگېرلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ چوڭ تۇتقۇننى باشلىغان 2017-يىلىدىن بېرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايىب ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش رىقابەتلىك مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. شۇنداقلا دوكلاتتا، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ ئۆزى بىر خىل رەھىمسىزلىك ۋە ئىنسانىلىققا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلاتىنىڭ 7-بابىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلىلەرگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ئۇيغۇرلار ۋە ش ئۇ ئا ر دىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان خەلقلەر دائىم ئۇچرايدىغان يوشۇرۇن خەۋپ، بۇ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئايرىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان».

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتى. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر، جەنۋە.
ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتى. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر، جەنۋە. (AFP)

دوكلاتنىڭ 7-باب، 130-ماددىسىدا ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارسىز غايىب بولۇش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى 2017-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە «مەجبۇرىي غايىب قىلىش» قا دائىر قوبۇل قىلغان ئەرزلەر ئىچىدە، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزلىرىنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى يېقىنلىرى غايىب بولغانلارنىڭ ھۆججەتلىك ماتېرىياللىرىنىڭ بىر نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا پۈتۈن جەمەتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا، خىتايدا «دۆلەتنىڭ ھوقۇق بېرىشى، قوللىشى ياكى قوشۇلۇشى، ئاندىن ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى شەكلىدە كىشىلەر ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ياكى غايىب بولغانلارنىڭ تەقدىرىنى ياكى ئىز-دېرىكىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قانۇننىڭ قوغدىشى سىرتىدا قويۇلىدۇ» دېيىلگەن.

قەيت قىلىنىشىچە، ب د ت، خىتاينىڭ مەجبۇرىي غايىب بولۇش، قىيناشقا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلارنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

ھالبۇكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىگە ئۇلارنىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يوقاپ كېتىش ئەرزلىرىگە «قولغا ئېلىش، تۇتۇپ قېلىش، تۇتقۇن قىلىش ياكى باشقا شەكىللەر» دەپ ئېنىقلىما بېرىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتىكەن. كۈپ ساندىكى غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، تۇتۇپ تۇرۇش شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرى، ئەيبىلەنگەنلىك ياكى جازالانغانلىق قانۇن تەرتىپلىرى ھۆكۈمنامىسى قاتارلىق قانۇنىي رەسمىيەت ياكى ئىجرائاتلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تەمىنلىمىگەنىكەن.

يېقىندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئارگېنتىنا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مايكول پولاك (Michael Polak)، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارانىڭ باشقا جايلىرىدىكى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» دېلولىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇچراۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ پەرقى ۋە بۇنى قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلىشتا ئۇچراۋاتقان رىقابەت ھەققىدە توختىتىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب بولۇشىغا قاراپ چىقىدىغان بولساق، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن، سىياسىي ئاكتىپلار ياكى ئۆكتىلەرنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىنىش مەسىلىسى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن باشقا جايلاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن غايىب قىلىنىش ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپكە تايانمايدۇ، قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنمايدۇ، قانۇنسىز ھالدا يۈز بېرىدۇ.

ئەمما خىتاي مەجبۇرىي غايىب قىلىۋەتكەنلەر ئۈستىدىن قانۇنىي جازا كېسىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار خەلقئارا قانۇن تەرتىپ نىزاملارغا ماس كەلمىگەن ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇنى قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشىمىزغا رىقابەت قىيىنچىلىقى تۇغدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا غايىب قىلىۋېتىشنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار خىتاينىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە ئېغىر ھالدىكى تەن جازالىرىغا ئۇچرايدۇ».

مايكېل ئەپەندى يەنە «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆلىمىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار سانىنىڭ، بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە دېيىلىۋاتقان لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈپ سالمىقىنى ئىگىلەيدىغانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتىمىز.

ئەلۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ غايىب ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بىلگىنىمىزدەك بىز ۋە شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، خەلقئارالىق قانۇنلارغا ۋە ئەھدىنامىلەرگە تايىنىپ، خىتاي ئۈستىدىن غايىب قىلىۋەتكەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئەمما خىتاي بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە».

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلاتىدا، ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارسىز غايىب بولۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەۋاتقان سۇپىلارنىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دىكى، سانلىق مەلۇماتلاردىنمۇ پايدىلانغانلىقى، غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى تېپىش ئۈمىدىدە سانلىق ئامبارغا غايىبلارنىڭ يېقىنلىرى، ئائىلە ئەزالىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئاۋازلىق خاتىرىلەرنى تەكشۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئۇلار دوكلاتىدا، ھەر خىل تەشكىلات ۋە تور بەت ھەمدە مەتبۇئاتلارغا يوللاۋاتقان گۇۋاھلىقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشتەك زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى «غايىب بولۇش ش ئۇ ئا ر دىكى نورمال ھادىسە بولۇپ قالغان» دەپ تەسۋىرلىگەن.

لاگېرغا قامالغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل ئورگانلاردىن، نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمما لاگېرلار باشلانغاندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان كۈپ مەنبەلىك ئىسپاتلارنىڭ لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئۆزى غايىب قىلىۋېتىپ ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بىر سىستېما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۆز ئىنىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەشنى داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيخان ئەسئەت خانىم، ھەر بىر غايىب ئىنسانغا ئايرىم ئايرىم ئىگە چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ غايىبلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، يېقىنلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكتلىدى.