«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» رادىيو مەبلىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

ئاسىيا قىتئەسىدىكى ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئاستىدىكى مىليونلىغان ئىنسانلارغا ھەقىقىي خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» پەيشەنبە كۈنى (27-مارت) سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاجراتقان بولسىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۇشتۇمتۇت توڭلىتىپ قويۇلغان مەبلىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئەرزنامىدە «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى» (USAGM) تەقسىملەپ كەلگەن مەبلەغدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ راسخوتىنى كېسىپ تاشلاش «فېدېراتسىيە قانۇنلىرىغا، جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش)نىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ. چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىلا فېدېراتسىيە خىراجەتلىرىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ كۆرسىتىلدى.

The lawsuit filed by RFA on March 27, 2025. (RFA).jpg
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 2025-يىلى 27-مارتتا سۇنغان ئەرزنامە. (RFA)

بۇ قېتىمقى ئەرز ئا ق ش نىڭ كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى (DC) دىكى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلدى. ئەرزنامىنى «مۇنگېر، توللېس ۋە ئولسون ئادۋۇكاتلىق ئورنى» ۋە «دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش» شىركىتى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ۋاكالىتەن ھازىرلىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ساھەسىنى خۇرسەن قىلغان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى بىر ژۇرنالنىڭ مۇخبىرى بۇنى «ئاجايىپ خۇشخەۋەر» دەپ تەرىپلىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بەي فاڭ خانىم مەزكۇر مەبلەغنى توختىتىپ قويۇش قىلمىشىنى «قانۇنسىز» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىزچىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆزلىرىگە تاپشۇرغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئاسىيادىكى باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە بەرگۈچى ئاۋاز بولۇپ كەلدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇلار بەلكىم ھازىر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مەبلىغىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىغا تەنتەنە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىشەنچىمىز كامىلكى، بىز بۇ خىلدىكى مەبلەغنى توختىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت قانۇنسىزلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز» دېدى.

مەزكۇر ئەرزنامىدە «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى»نىڭ مۇۋەققەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋىكتور مورالېس (Victor Morales) ۋە ئۇنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى كارى لېيك (Kari Lake)، شۇنىڭدەك ئامېرىكا مەمۇرىيەت ۋە خامچوت ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى رۇسسېل ۋوت (Russell Vought) ۋە مالىيە مىنىستىرى سكوت بىسسېنت (Scott Bessent) جاۋابكارلار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

مەبلەغنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى 15-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۈپەيلىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى خادىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.

DOAAW4BPMJH3HNH6Q47ORY257Q.jpg
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بېرما بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاي مار تۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى باش شىتابىدا. 2023-يىلى 31-يانۋار. (Photo: RFA/گېمۇنۇ ئامارسىڭخې)

مەبلەغنىڭ توختىتىلىشى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئەگىشىپلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى» (USAGM) تەركىبىدىكى «مەۋجۇتلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق ئورگانلار»نى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە باشقا بىر نەچچە مۇستەقىل دۇنياۋىي ئاخبارات ئورگانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئالىي مەسلىھەتچى كارى لېيك ئۇزۇن ئۆتمەي بايانات ئېلان قىلىپ: «مەزكۇر ئاگېنتلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ» قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەدبىرنىڭ ئېلىنىشى زۆرۈر بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مۇخبىرلار «قاماققا چۈشۈش خەۋپىدە»

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان قانۇن ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى»دىن كېيىن 1996-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئىزچىل ئىككى پارتىيەدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.

مەزكۇر رادىيو ئاسىيادىكى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى بولمىغان ياكى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس شىمالىي كورىيە، خىتاي، بېرما ۋە ۋيېتنامغا ئوخشاش دۆلەت ۋە رايونلارغا توققۇز خىل تىلدا خەۋەر بېرىدىغان بولۇپ، رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەر ھەپتىدە مىليونلارچە كىشىگە مۇستەقىل خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ.

پەيشەنبە كۈنىدىكى ئەرزنامىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بىر قاتار «پارتلىما» خەۋەرلىرى، جۈملىدىن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى (COVID)دا ئۆلگەن كىشىلەر سانىنى قانداق يوشۇرغانلىقى، تىبەت مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەمدە بېرمادىكى ئىچكى ئۇرۇش تىلغا ئېلىنغان.

ئەرزنامىدا «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ قېتىملىق مەبلەغنى كېسىپ تاشلاش قىلمىشى ئەيبلىنىپ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مەشغۇلاتى مۇشۇ تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك توختاپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالماقتا» دېيىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «رادىيونىڭ مۇخبىرلىرى ھەر زامان ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنى ئىشەنچلىك ۋە بىتەرەپ خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ئەمدى ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىدىن مەھرۇم قېلىشى، نەتىجىدە تۈرمىگە قامىلىش ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچراشتەك خەتەرلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن».

Mamatjan Juma, deputy service director of of RFA Uyghur language service at Radio Free Asia headquarters in Washington, March 18, 2025. (Gemunu Amarasinghe-RFA) .jpg
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتجان جۈمە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى باش شىتابىدا. 2025-يىلى 18-مارت. (Photo: RFA/گېمۇنۇ ئامارسىڭخې)

ئەرزنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئامېرىكا تەۋەسىدە ئىشلەۋاتقانلاردىن 200دىن كۆپرەك خىزمەتچىنى ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ 75 پىرسەنتىنى ھەقسىز دەم ئېلىشقا قويۇۋەتكەن؛ چەتئەللەردىكى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ 93 پىرسەنتىنى ئىشتىن توختاتقان ياكى ئۇلار بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدا خىزمەت ۋىزىسى بىلەن ئىشلەۋاتقان نەچچە ئونلىغان مۇخبىر دەم ئېلىشقا چىقىرىلىشى ياكى خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇشى، شۇ تۈپەيلىدىن ئەسلىدىكى دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن بولۇپ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى مۇخبىرلىق خىزمىتى سەۋەبلىك دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىشى ۋە قاماققا چۈشۈشى ئېنىق» ئىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ نۆۋەتتە «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى» ۋە باشقا جاۋابكارلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى ئاللىقاچان ئاجرىتىپ بولغان مەبلەغنى باستۇرىۋېلىشى، شۇنىڭدەك رادىيو مەبلىغىنى توختىتىشىنى چەكلىيەلەيدىغان بىر ۋاقىتلىق بۇيرۇقنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن 2025-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە ئاجرىتىلغان مەبلەغ سۈپتىدە رادىيوغا 35 مىليون دوللارغا يېقىن راسخوت ئاجرىتىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان «ئامېرىكا ئاۋازى»غا ئوخشاش ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك فېدېراتسىيە مەبلىغى بىلەن ماڭىدىغان «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ۋە «ئەركىن ياۋروپا\ئازادلىق رادىيوسى»نىڭ مەبلىغىنى قىسقارتىش قىلمىشى ئاللىقاچان بىر قاتار داۋا-دەستۇرلارغا سەۋەب بولغان.

RFA journalists record a podcast at a studio at Radio Free Asia headquarters in Washington, May 23, 2024. (RFA) .jpg
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى باش شىتابىنىڭ ئاڭلىتىش ئۆيىدە پودكاست ئىشلىمەكتە. 2024-يىلى، 23-ماي. (RFA)

سەيشەنبە كۈنى (25-مارت) ئامېرىكا رايونلۇق سوتى «ئەركىن ياۋروپا\ئازادلىق رادىيوسى»نىڭ ئەرزىگە قاراپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى»نىڭ مەزكۇر رادىيوغا ئاجرىتىلغان مەبلەغنى توختىتىش بۇيرۇقىنى ۋاقىتلىق چەكلەش ھۆكۈمى چىقىرىلغان.

سوتچى بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى»نى «ئۆز قارارىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللەپ بېرەلمىگەن» دەپ كۆرسەتكەن، شۇنىڭدەك «ئەركىن ياۋروپا\ئازادلىق رادىيوسى» «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى»نىڭ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى تاقىلىشقا مەجبۇرلاشنى «ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيانلىق قىلمىش» دەپ ھېسابلىغان.

تەھرىر: مالكوم فوستېر ۋە مەت پېننىڭتون