تۈركىيە سوتى تۇنجى قېتىم، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدىكى 16-سوت مەھكىمىسى، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئۈستىدىن سوت ھۆكمى چىقىرىپ، ئەركىن ئابدۇۋەلى خىتايدا زۇلۇم بارلىقىنى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ، تايلاندىكى 40 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە سوتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا تۇنجى قېتىم ھۆكۈم قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى سوتقا ئەركىن ئابدۇۋەلىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇللاھ تىكىچ ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، سوتتا ئالدى بىلەن ئەركىن ئابدۇۋەلىنى ئاقلاپ تۈركىيە قانۇنى بويىچە ئەركىن ئابدۇۋەلىنىڭ جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرىدا سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەركىن ئابدۇۋەلىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا يېتەرلىك پاكىتلارنى بېرەلمىگەنلىكى، خىتايغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ تۇنجى قېتىم تۈركىيە سوتىنىڭ بىر ئۇيغۇر توغرىسىدا خىتايغا قايتۇرۇش ھۆكمىنى بېرىشى ئىكەن. ئەركىن ئابدۇۋەلىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇللاھ تىكىچ ئەپەندى بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىتىش ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قانۇن سوتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، مەزكۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئەركىن ئابدۇۋەلىگىمۇ ھازىرچە ئۆزى تۇرۇۋاتقان سافاكۆي رايونىدىن سىرتقا چىقماسلىقىنى تاپىلىدىم. ھازىرقى ئەھۋالدا ئەگەر ساقچى تۇتۇۋالسا ئۇدۇل ئايرودرۇمغا ئاپىرىدۇ. چۈنكى سوتنىڭ بۇ توغرىلىق ئېنىق قارارى بار».

ئادۋوكات ئابدۇللاھ تىكىچ ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇ، تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرۇش سالاھىيىتى، يەنى›ئىقامەت‹ئېلىشتا قىيىنچىلىقى بار. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ئىقامەت ئېلىش ئۈچۈن بەرگەن ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنىۋاتىدۇ. ئىقامەت بەرمىسە ۋەتەنداشلىقمۇ بەرمىسە، بۇ ئۇيغۇرلار نېمە قىلىدۇ. ۋەتەنداشلىق بەرمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتى بېرىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەك».

ئادۋوكات ئابدۇللاھ تىكىچ ئەپەندى ئەگەر تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى تۈركىيەدە جامائەت پىكرى توپلىيالىسا، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بارلىق ئۇيغۇرلاردىن تۇرۇش سالاھىيىتى، يەنى ئىقامىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىشى كېرەك. ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەتكە تەلەپ خېتى سۇنۇشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ مەسىلىنى كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، جامائەت پىكرى توپلىسا ھۆكۈمەتكىمۇ، تۈركىيە سوتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ».

بىز سوتنىڭ جەريانى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەركىن ئابدۇۋەلى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەگە 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى كېلىپ ئىستانبۇلدا تۇردۇم. 2016-يىلى ئاخىرىدا قەيسەرىگە بېرىپ توي قىلىپ ئۇ يەردە تۇردۇم. 2019-يىلى قەيسەرى شەھىرىدە مېنى› بىرسى سېنى ئەرز قىلدى‹دەپ تۇتۇپ سولاپ قويدى. تۈرمىدە 39 كۈن ياتتىم. مېنى ئۇزۇن سوراققا تارتقاندىن كېيىن ‹جىنايىتىڭ يوق ئىكەن› دەپ قويۇپ بەرگەنىدى.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، 2023-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدىكى قايتۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە 45 كۈن ياتقاندىن كېيىن سوتقا بېرىلگەن. بۇ سوت بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلغاندىن كېيىن، «خىتايغا قايتۇرۇلسا خەۋپ بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي قايتۇرۇلسا بولىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئەركىن ئابدۇۋەلى خىتايدا زۇلۇم بارلىقىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىدىغانلىقىنى، 9 يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى 5 بالىسى ۋە ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى، دۇنيادا بۇنىڭدىن چوڭ زۇلۇمنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن ئابدۇۋەلى بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 9 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەركىن ئابدۇۋەلىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇللاھ تىكىچ ئەپەندى تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا خەلقئارا كېلىشىمگە قول قويغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى تەل-تۆكۈس ھەل قىلىشتا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا زور ۋەزىپە چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.