21-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدا ئېچىلغان 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.»
پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەدوغان 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە پرېزىدېنت ئەردوغان 3 قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ بۇ باياناتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە تۈرك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
«زەفەر» پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى، پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ باياناتنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سۆز تۇنجى قېتىم دېيىلگەن بولغاچقا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. لېكىن ئەسلى مۇھىم مەسىلە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئىسكەنجە ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇ پىكرىنى چۈشىنىشلىك، ئېنىق جۈملىلەر بىلەن دېگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. مەنچە، پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ تازا بەك خۇشال قىلالمىدى، دەپ ئويلايمەن.»
«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئەسلىدە ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھازىرقى ھۆكۈمەتننىڭ 20 يىلدىن بۇيان بۇنى ئورۇندىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك دۆلەت تۈركىيە ئىدى، لېكىن تۈركىيە بۇ مەسىلىگە دېگۈدەك كۆڭۈل بۆلمىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈركىيەنى ئىدارە قىلغان 20 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن كارى بولمىدى. ئەمما ئەردوغاننىڭ ب د ت دا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇ باشچىلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئابرويىنى ياخشىلاش ئۈچۈندۇر. سايلام يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنى دېيىش ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇراي دېگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ سۆزىنى بۇندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا دېمىسە، بۇنىڭ بىر پايدىسى يوق.»
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇنىڭ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2009-يىلىدىن كېيىن ئىككىچى قېتىم خىتايغا قارىتا قاتتىقراق بايانات بېرىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ 3 سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئۆزى كۈتىۋاتقان مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تېخىغىچە تاقىمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە خەلق ئامىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۇنداق بايانات بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەردوغان نۇتۇقىدا گەرچە خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا خىتاينىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تەكىتلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا. مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىمۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنداق بىر بايانات بېرىشىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن بىر سورۇندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ كىشىنى ئويغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.