دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزمەكچى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ھەمدە بۇنىڭغا يانداش ھالدا «ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى» ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ قېتىمقى كېڭەشتە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، تەشكىلىي جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، مىللىي دەۋانىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارنىڭ رولى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىچكى زىددىيەت، توقۇنۇشلارغا تولۇق خاتىمە بېرىپ، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تۈپ يېتەكچى ئىدىيە ۋە يۆنىلىشنى بەلگىلەش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «داۋالغۇش ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقىغا ئېرىشىشنىڭ يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقالايمىز» دېگەندىن ئىبارەت بولىدىكەن.

2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى، ميۇنخېن.
2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى، ميۇنخېن. (RFA/Hebibulla Izchi)

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، دۇنيادىكى 11 پارلامېنت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، لوندوندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوتى تەرىپىدىن خەلقئارالىق قانۇن-تەرتىپ بويىچە رەسمىي دەلىللەنگەن ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ب د ت غا ئەزا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇردى؛ بەزى دۆلەتلەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاينى قوللىدى. بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە بولۇپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس قەدەمدە، يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە يېڭى يول خەرىتىسى بېكىتىپ چىقىشى زۆرۈر بولدى. شۇ سەۋەبتىن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» چاقىرىلماقچى، بۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەشنىڭ تەرتىپى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

بۇ قېتىمقى كېڭەشكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلار، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى سەرخىللار، ياش پائالىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار قاتنىشىدىكەن؛ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ۋە ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن.