دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى (MC13) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ-زەبى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 26-فېۋرالدىن 29-فېۋرالغىچە داۋام قىلغان يىغىن جەريانىدا، ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپلىرى يەنە مۇھىم تېما بولغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ئەمەلدارلىرى بىر ئارىغا كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئامېرىكا سودا ۋەكىللىك ئىشخانىسىنىڭ (USTR) باش ئەلچىسى كاتېرىن تەي خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، «خىتاينىڭ تىجارەتتە بازارنى ئاساس قىلماي، دۆلەت سىياسىتىنى چىقىش قىلىشى سەۋەب بولۇۋاتقان تەڭسىزلىكتىن قايغۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان. ۋاڭ ۋېنتاۋ بولسا بېيجىڭنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالغان.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەبۇ-زەبىدىكى يىغىنى باشلىنىشتىن تۆت كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىك ئىشخانىسى (USTR) خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ دوكلاتتا ئامېرىكا خىتاينى «دۇنيا سودا تەشكىلاتى بەرپا قىلغان خەلقئارا سودا سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەت» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە «خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ 22 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ھېلىھەم بازارنى چىقىش قىلمايدىغان، دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلارغا زىت، » دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە «ئامېرىكا خىتاينىڭ قانۇنلۇق سودا ئادىتىنى ‹ئىقتىسادىي زوراۋانلىق› دەپ سەتلىدى» دەپ ئاغرىنغان.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتى بىلەن كىرىپ نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەبۇ-زەبىدىكى يىغىنىدا ئامېرىكا ۋەكىلى كەتېرىن تەي خانىممۇ بۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېسىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا موھتاجلىقىنى بىلدۈرگەن. كاتىرىن تەي خانىم، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىك ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىكى سۆزىدىمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى يېتەرسىزلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھالقىلىق يېرى شۇكى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىكىدىكى بازارنى چىقىش قىلمىغان ئىقتىساد ۋە سودا ئۇسۇلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىدى. خەلقئارا سودا سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالار داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى قوغدىشىمىز، بولۇپمۇ خىتاي كۆزلەۋاتقان ساھەلىرىمىزنى ئۇنىڭ زىيانلىق سىياسەتلىرىدىن قوغدىشىمىز كېرەك. »
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ سودا ئۇسۇلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلە ئىكەن، بىراق ھازىرغىچە دۇنيا سودا تەشكىلاتى بۇنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك چارە تاپالمىغان.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەبۇ-زەبىدىكى يىغىندا دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرى كارخانىلارنى دۆلەت تولۇقلىمىسى بىلەن قوللاشنى چەكلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تاموژنا بېجىنى چەكلەش ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھات قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان. ھالبۇكى، ھەرقانداق مەسىلىدە 166 ئەزا دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش قولاي بولمىغاچقا، بىر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىكەن.
BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ بىر-بىرىگە ساتقان مالنىڭ مىقدارى بۇلتۇر 17 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن ئىكەن. كەتېرىن تەي خانىم ئەبۇزەبىدىكى يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، «مەنچە، بۇنىڭ تامامەن پاسسىپ بولۇشى ناتايىن، بۇ كۆپ خىللىشىشقا قاراپ مېڭىشنىڭ ئاكتىپ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپى سابىق پىرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدە باشلىغان ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىمۇ بۇ سىياسەتنى ئىزچىل داۋام قىلغان ئىدى. ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان چېگرا بېجى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كومپيۇتېر مىكرو ئۆزىكى قاتارلىق سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئېكسپورتىنى چەكلىشى قاتارلىقلار ھەممىسى سودا ئىختىلاپلىرىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.
ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رېيموند كونىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سودا ئۇسلۇبىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، خىتاينىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىشى ھەمدە ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئاستىلاشنى ھەل قىلىشى ئىنتايىن قېيىنكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئەسلىدە سىياسىي ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك. خىتاي ئەگەر دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتنى تولۇقلىما بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت يېتەكلىشىدىكى تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ ھازىر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاستىلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە ئىقتىسادتا ‹ئوتتۇرا ھاللىق كىرىم قىلتىقى› دەپ ئاتىلىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ» .
دوكتور رايموندنىڭ دېيىشىچە، سودا ئۇسۇلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ياساش دېگەنلىك، قۇرۇلما ۋە سىياسەتتە ئۆزگىرىش ياساشنى، جۈملىدىن خۇسۇسىيلاشقان مەبلەغنى ئاساس قىلىشنى، خۇسۇسىيلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى، ئەقلىي مۈلۈككە ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەمدە سىياسەتنى چىقىش قىلغان ئىقتىسادىي قارارلار ئالماسلىق قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. رايموند كو خىتاي كومپارتىيەسىنى ھازىرچە بۇنداق قارارلارنى ئالىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«بەزى ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ يىللىق GDP، يەنى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ 3 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىپ، بۇ يەنىلا ياخشى رەقەم، دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر خىتاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 30-40 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولغان بولسا، ئۇ ھالدا بىز 3 پىرسەنتلىك ئۆسۈش نىسبىتىنى ياخشى دېسەك بولىدۇ. بىراق خىتاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 مىڭ دوللار ئەتراپىدا. شۇڭا خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، 3 پىرسەنتلىك ئۆسۈش نىسبىتىنى ھەرگىزمۇ ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا باغلىق. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، خىتاي ھازىرچە ئۇنداق قىلالايدىغاندەك ئەمەس. شۇڭا بىز خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆرۈشىمىز مۇمكىن. »