مەلۇم بولوشىچە، ماناس ناھىيە بازىرى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق خاسىيەت ئەخمەت خانىم 2017 -يىلى 5 -ئايدا يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، خاسىيەت خانىم تۇتۇلۇشتىن 9 يىل ئاۋۋال، ئۇنىڭ يولدىشى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇشىغا مەھەللىدىكى ئۆسمۈر بالىلارغا دىنىي دەرس بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ماناستىكى ساقچى خادىملىرى دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەت خانىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ماناس ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق خاسىيەت ئەخمەت خانىم يولدىشى2009 -يىلى مۇدددەتسىز كېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بالا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەنىۋىي دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ياشاشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇ بۇ قىلغانلىرى سەۋەبلىك2017 -يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.
بىز ئالدى بىلەن ماناس ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار ماناستا ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ساقچى خادىملىرىنىڭمۇ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ساقچىلار خاسىيەت ئەخمەتنى ئېلىپ ماڭغان كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىشىكىنى چېقىپ بېسىپ كىرگەن ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە كېيىنىپ مېڭىشىغىمۇ يول قويماي، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ ماڭغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، خاسىيەت ئەخمەت خانىم ماناس بازار ئىچىدىكى ئۈچىنجى ساقچى پونكىتى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خادىملار3 -پونكىتنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغىمۇ جاۋاپ بەرمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خاسىيەت ئەخمەت1964 -يىلى تۇغۇلغان، يولدىشى مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدە بىر قىزى بىلەن يالغۇز قالغان. ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ۋە قېرىنداشلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۆستىگە ئۇ يېقىن ئۆتكەن، يەنى بالىلىرىنى ئۇنىڭدا ئوقۇتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان بولغاچقا، ئۇ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغان كىشىلەر قالمىغان. يېقىندا جەمئىيەتتە ئۇنىڭ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن كىملەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىلاردىن بىرى، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئىشنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتىلىكى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، خاسىيەت ئەخمەت تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىككى يىلچە ئاۋۋال سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئۆيىدە خالىسانە بالا ئوقۇتۇشنىمۇ توختاتقان ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت سوۇنلىرىدىنمۇ ئۇزاق تۇرۇۋاتقان ئىكەن. دېيىلىشىچە، خاسىيەت ئەخمەت ئۆيىدىن ئېلىپ مېڭىلغان كۈنى، ساقچىلار ئۇنىڭ ئادەتتە يېنىدىن ئايرىمايدىغان دورىلىرىنى ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. خاسىيەت ئەخمەتنىڭ تۇتۇلۇشتىن ئاۋۋال دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلگەن ياكى تەكشۈرۈلمىگەنلىكى، تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە سالامەتلىكىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ماناس بازارلىق ساقچى خادىمى بىزنىڭ خاسىيەت ئەخمەتنىڭ دېلو ئارخىپىغا قاراپ بېقىش تەلىپىمىزگە جاۋابەن، ئالدى بىلەن بىزدىن خاسىيەت ئەخمەتنىڭ كىملىك نومۇرىنى سورىدى. بۇ ساقچى خادىمى بىز دەپ بەرگەن كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن ئارخىپ ئاختۇرۇپ، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ دېلوسىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
خاسىيەت ئەخمەت ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ بىر ئامانلىق خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى2017 -يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى خاسىيەت ئەخمەت قاتارلىق 4 كىشىنىڭ سوئال-سوراقتىن كېيىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ۋە شۇندىن بېرى ئائىلىسىگە قايتمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىنكاستا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، خاسىيەت ئەخمەت تۇتۇلغان ۋاقىتتا 13 ياشلىق قىزى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئاۋۋال دادىسى، ئاندىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ قىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.