ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى سىياسىي ۋە دىنىي ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان دىكتاتورىلىق خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ساھەدىكى ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىش قىلمىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە كېڭەيمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى» مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان براد شېرمان ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەچ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن تۆت گۇۋاھچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بولۇپ قالغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى، دوكتور ئادريان زېنز سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ھازىر لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى نۆۋەتتە كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان مەجبۇرىي يوسۇندىكى «لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ھەقسىز ياكى ئەرزان باھالىق ئەمگىكى» بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بولۇپمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر كۆپلىگەن ساھەلەر قاتارىدا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەش ساھەسىدە بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر گۇۋاھچىلاردىن فىرقەت جاۋدەت ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەمدە ئۆزىگە قانداق تەھدىتلەرنى سېلىۋاتقانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرغا قامالغان ھەمدە ھەرقاچان لاگېرغا قامىلىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم تەسۋىرلەپ بەردى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق دېگەندىن قىلچىمۇ ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىممۇ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئىسپاتلار مەۋجۇتلۇقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىغا قايسى يوسۇندا جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئاياق-ئاستى قىلىشى ھازىر ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا خەلقئارانىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشى بەكمۇ زۆرۈر ھېسابلىنىدىكەن.

گۇۋاھلىق بېرىشتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەزالار كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى. گۇۋاھچىلار بىلەن پالاتا ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت شەكلىنى ئالغان مۇھاكىمە باسقۇچىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن كۆپلىگەن ئەھۋاللار يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

يىغىن ئارىلىقىدا بىز سوفى رىچادرسون خانىمنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنى غەرب دۇنياسىنىڭ قانداق چۈشىنىشى لازىملىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئادالەتكە موھتاج» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفى رىچاردسون: «بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئەندىشىمىز خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئاشكارا ھالدا ھەمدە ھېچقانداق تەپتارتماستىن مەزكۇر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى كۆپلەپ سادىر قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر شىنجاڭ رايونىدا بىزگە مەلۇم بولۇۋاتقان زور كۆلەملىك ھەمدە خالىغانچە قولغا ئېلىش قىلمىشى يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىنىي ھەقلەر، پۇقرالارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ھەقلىرى، ئەقەللىي سۆز-ئالاقە قىلىش ھەقلىرى دېگەندەك بارچە ھەقلەرنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە جاۋابكار بولۇشى لازىم. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ بىر قاتار ئەمەلدارلىرى مۇشۇ دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن خەلقئارا سوتتا ھېساب بېرىشى لازىم. خۇددى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلغۇچىلارنى سوتلىشى لازىم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئاشۇنداق بىر مەنزىرىنى ئويلىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتكە موھتاجلىقى ھېچقانداق مىللەتتىن كەم ئەمەس.» دېدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن دوكتور ئادريان زېنزمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بەزىلەرنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «خىتايچە تۈسكە ئىگە فاشىزىم» دەپ قارايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭدا مۇئەييەن ئوخشاشلىق بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭغا بەزى جەھەتلەردىن قوشۇلىمەن. چۈنكى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ كۆپلىگەن ئالامەتلىرىنى زاھىر قىلىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىمۇ تىپىك ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان بىر ئىدېئولوگىيەنى يوقىتىشى پۈتۈنلەي ئوخشاش شەكىل ئېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك يىغىنىنى ناتسىستلار ئۆتكۈزگەن بولسا 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭ شەھىرى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى بېرلىن ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلغاندەك ھازىرمۇ خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتەك ھەرىكەتلىرىنى بايقۇت قىلىشى لازىم.»

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فىرقەت جاۋدەت بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئاياپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشىنى «ئۇلارغا تېخىمۇ زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتىمۇ تىپىك ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا قاتناشقان بولۇپ، يىغىننىڭ مەنىۋى كەيپىياتىغا ئالاھىدە ھۆسن قوشقان ئىدى.