ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئۇلۇغ رامزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى بىلەن مۇبارەكلەيمىز، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا 8-ئىيۇلدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى باشلىدى. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، توقسۇن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىزدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن بۇ رامىزاندا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يوللۇق دىنىي پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، مۇقىملىق تەدبىرلىرى، ئۆي ئاقتۇرۇشلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامزاندىكى خاتىرجەملىكىنى بۇزسا، ئىشسىزلىق ۋە يوقسۇللۇققا قوشۇلۇپ مال باھاسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىستېمال گۆش باھالىرىنىڭ ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ئۆرلىشى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ رامىزاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرماقتا.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان خەلققە ئوخشاش، رامزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئىمكانىنىڭ بارىچە قاتمۇ-قات ئىسكەنجە، دىنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنى يېڭىپ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىگە ئالدىرايدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئالغان ئالاھىدە مۇقىملىق ۋە ئامانلىق تەدبىرلىرى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش« ئۈچ خىل كۈچ »لەرنى تۇتۇش ۋە باستۇرۇشلار سەۋەبلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ رامىزاننى يەنىمۇ ئېغىر بېسىم ۋەخاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ قاتمۇ - قات ئىسكەنجىسى ئاستىدا مۇقەددەس ئېتىقادىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىنى تىلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىي، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ رامىزاننى قانداق ۋەزىيەتتە باشلىغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئوخشىمىغان يۇرتلاردىكى مۇسۇلمانلارنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر خانىم، ئۆزى ئادەتتىكى دېھقان بولغاچقا روزا تۇتۇشى چەكلەنمىسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكىدەك كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى بايان قىلدى، شۇنداقلا مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي يوسۇندا كىيىنىشىگە قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىدىن بىزار بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
توقسۇننىڭ بىر يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئايال، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامانلىق قوغدىغۇچى كادىرلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە يەنە يېقىندىن بۇيان مال باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئىستېمال قىلىدىغان كالا ۋە قوي گۆشلىرىنىڭ باھاسى بەك ئۆرە بولغاچقا، مۇسۇلمانلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم يارىتىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان چەكلىمە باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدەك جىددىي ۋە قاتتىق بولمىسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇقىملىق تەدبىرلىرى باشقا جايلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جىددىي دېيىشكە بولىدۇ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ھەر ساھە، ھەر ئورگانلاردا ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ 24 سائەتلىك كۆزەتچىلىكتە نۆۋەتلىشىپ تۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلماقتا، بۇ خىل ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تەتىللىك ئارامىنى بۇزغان بولۇپ، رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى كېچىسى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى، مۇقىملىق تەدبىرى سەۋەبلىك روزا تۇتماسلىققا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.