ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامىي ئىسلاھات ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

5-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق» يىغىنى، تۈركىيەنىڭ دۈزجە شەھىرىگە يېقىن ئەتراپتىكى فەنەرباھچە پۇتبول كۇلۇبىغا قاراشلىق مېھمانخانىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

5 كۈن داۋام قىلىدىغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى 2013-يىلى 24-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا رەسمىي باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان خىزمەت-پائالىيەتلەر، ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر توغرىسىدا توختالدى. كېيىن، يىغىن ئەھلى ئۆز-ئارا تونۇشۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى ۋە پروگراممىغا قاتناشقان 110 كىشى بىر-بىرلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى. قېرىنداشلار ئارا مېھرى-شەپقەت ۋە دوستلۇق مۇھىتى بەرپا بولدى.

ئارقىدىن يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، "ئىسلامىي ئىسلاھات" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.