ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن 26-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس بايانات بېرىپ، گەرچە ھازىر ئامېرىكانىڭ رۇسىيە قاتارلىق رەقىبلىرى بولسىمۇ، ئاساسلىق دىققەتنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئانتونىي بلىنكېن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت پۇتىن باشلاتقان ئۇرۇش گەرچە داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان خەلقئارا تەرتىپكە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ تەھدىتنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە تېخنىكا كۈچى ھەمدە تاشقى سىياسىتى ئارقىلىق خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسىنى خىتاينى چەكلەشكە قارىتىشنىڭ ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئانتونىي بلىنكېن بۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ ھازىر كۈچلۈك ۋە زوراۋان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر 50 يىل بۇرۇن سابىق پرېزىدېنت نېكسون زىيارەت قىلغاندىكى خىتايغا ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، دۇنيانى ئۆز قولىغا ئېلىشقا ئىنتىلىۋاتقان، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان باي ۋە كۈچلۈك بىر دۆلەت. دۇنيادىكى چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايدا باش شتابى بار، خىتاي كەلگۈسىدە تېخنىكا ۋە سانائەتتە يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتمەكچى؛ خىتاي ئارمىيەسى تېز سۈرئەتتە زامانىۋىلىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنغا ئايلانماقچى. خىتاي يەنە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، دۇنياغا خوجا بولماقچى».
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئانتونىي بلىنكېننىڭ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيمىز. شۇڭا بىز خىتاينى ئوراپ تۇرغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتنى يېڭىدىن بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، كەڭچىل خەلقئارالىق سىستېمىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز» دېگەن سۆزى تەھلىل قىلىنىپ، «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەت-نىشانى ئاسىيادىكى بۇ ‹دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت› نىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىنى تىزگىنلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىت يارىتىش» دېيىلگەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى تىموسى خېت (Timothy R. Heath) ئانتونىي بلىنكېننىڭ بۇ نۇتقىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «ئانتونىي بلىنكېن بۇ نۇتقىدا خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتتە مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېگەن ئۈچ ئۇقۇمنى تەكىتلىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ‹بىز ئەگەر خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ زوراۋانلىقىغا قارشى جازا يۈرگۈزسەك، خىتاي ئۇلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى يۇمشىتىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياخشى سىياسەت يۈرگۈزسە، بىزمۇ خىتايغا بولغان جازانى يەڭگىللىتىمىز› دېگەندىن ئىبارەت. ئانتونىي بلىنكېن يەنە ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەگەر بىز خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۇنى جازالىساق، باشقا دۆلەتلەرمۇ شۇنداق جازا قوللىنىدۇ. شۇڭا مەنچە، ئامېرىكا ھېچ بولمىغاندا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا ئىقتىسادىي ياكى دىپلوماتىيە جەھەتتە جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك».
ئانتونىي بلىنكېن يەنە خىتاينىڭ بۇ ھالغا كېلىشىدە، شى جىنپىڭنىڭ باش رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ مۇستەبىت، تېخىمۇ ئۆكتەم بولۇپ كەتتى. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە كەڭ-كۆلەملىك تەقىب-نازارەت سىستېمىسى ئورناتقانلىقى ۋە 80 نەچچە دۆلەتكە بۇ تېخنىكىنى ئېكسپورت قىلغانلىقىغا قارىساقلا بۇنى بىلەلەيمىز. خىتاي يەنە جەنۇبىي دېڭىزدا كېڭەيمىچىلىك قىلدى، رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە، دېڭىز يولى ۋە سودا ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى».
ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە تۋىتتېرغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئانتونىي بلىنكېن ئاخىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ تەنقىدلىدى. ئەمما ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىدلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ پەقەت خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ فاشىستىك پارتىيەنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ».
3 ئاي ئاۋۋال رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەنى ئاشكارا قوللىغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە قارشى يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورناتماقچى بولغانىدى. ئانتونىي بلىنكېن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىدا شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چەكلىمىسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى. تېخى مۇشۇ ھەپتىدە پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ياپونىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغان بۇ ئۇرۇشىنى قوللىدى. بۇ ھادىسە بىز ئۈچۈن، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى».
ئۇ يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارشى تۇرىدۇ. بۇ رايوندىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق خەلق مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن لاگېرلارغا قامالدى. خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتە ياشايدىغان مىللەتلەر ۋە ئېتىقادچى خەلققە قاراتقان سىياسىتى ۋە باشقا نۇرغۇن قىلمىشلىرى ‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى›غا، شۇنداقلا بارلىق دۆلەتلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى›غا خىلاپ».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى بلىنكېننىڭ بۇ نۇتۇقتا ئوتتۇرىغا قويغان مەبلەغ سېلىش، ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە رىقابەت قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى چۈشەندۈردى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ نۇتۇقتىن كېيىن پىكىر بېرىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئانتونىي بلىنكېن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكانىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاينى ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاي بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتى خىرىسقا ئۇچرىسا تەھدىتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى ئامېرىكا ھەربىي كۈچ جەھەتتىنلا ئەمەس، ئىقتىساد، تېخنىكا، ئۇچۇر-ئاخبارات، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ دۇنياۋى تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىغا يوليورۇق بېرىپ، خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش، ھەربىي تېخنىكا جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاشنى ئالدىنقى پىلانغا ئېلىشنى بۇيرۇغان. پرېزىدېنت بايدېن ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتىدە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدى.