بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئاداس ئىسرائىلىيە (Adas Israel) جامائىتى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشلارنى تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ كەلدى. بۇ نامايىشلاردا مۇھىم رول ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى، مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى كېرېن گۇبېرمان يېقىندا رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت جەريانىدا كېررېن گۇبېرمەن خانىم بۇ نامايىشلارنىڭ ئەھمىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى، يەھۇدىيلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوخشاشلىقلار، شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قوللاش ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان كەڭ تىرىشچانلىقلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇخبىر: كەررېن خانىم، سىزنى ئاي-ئايلاپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقان ئامىل نېمە؟
كېررېن گۇبېرمان: 2020-يىلى دېكابىردىكى كوۋىد مەزگىللىرىدە يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدىكى رابباي (دىنىي يېتەكچى) لاردىن بىرى ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يىغىنى ئۆتكۈزدى. دوكتور سوفى رىچاردسون ۋە لۇئىسا گىرېۋ خانىملار كېلىپ بۇ ھەقتە سۆز قىلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا «بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقىدىغانلار بارمۇ؟ » دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقتى. توپىمىزدىكى سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەر «بار! » دەپ جاۋاب بەردۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەر خىل ئىشلارنى قىلدۇق. بىرى شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئاخشىمى» (Uyghur Seder) پائالىيىتىگە قاتناشتۇق. يەھۇدىيلار خاتىرىلەيدىغان «سېدار ئاخشىمى» (Jewish Seder) يەھۇدىيلارنىڭ پاسخا (Pesach) كەچلىكى بولۇپ، پاسخا بايرىمىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېچىلىكتىكى پائالىيەتلەر ئادەتتە ئىلاھىي تېكىستلەردىن بولغان «خاگگادا» (Haggadah) نى ئوقۇش ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىكى قۇللۇقتىن قېچىش تارىخىنى ئەسلەش، سىمۋوللۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، شاراب ئىچىش ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كەچلىك تاماقتا ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ قۇللۇقتىن ئەركىنلىككە چىققان سەپىرىنى خاتىرىلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە پىرېزىدېنت بايدىن يېڭىلا رەئىسلىككە تەيىنلەنگەندە بىز ئۇنىڭغا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرى ئىمزالىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر پارچە خەتنى تاپشۇردۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئايلىق نامايىشلارنى باشلىدۇق ۋە ئامېرىكادا بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشتۇق.
مۇخبىر: يەھۇدىي جامائىتى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا قانداق ئىنكاس بىلدۈردى؟
كېررېن گۇبېرمان: بىز ھەممىلا ئىشتاتلاردىن دېگۈدەك يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ راببايلىرى (يېتەكچىلىرى) نى ئىزدەپ تاپتۇق. 200 دىن ئارتۇق دىنىي يېتەكچى پىرېزىدېنت بايدىنغا يازغان خەتكە ئىمزا قويدى. بۇ شۇلارنىڭ قىزغىن قوللاشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق ئوخشاشلىقلارنى كۆردىڭىز؟
كېررېن گۇبېرمان: بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىغا قارىساق سەرسانلىق ۋە سەرگەردانلىق يەھۇدىيلار تارىخىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ بىزگە ھازىرغىچە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. باشقا بىر مىللەتنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا يوقىتىلىشقا دۇچار بولۇشىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن چىدىغۇسىز بىر ئىش. چۈنكى بۇ ئازاب بىزگە بەكمۇ تونۇشلۇق. شۇڭا سىلەرنىڭ داۋايىڭلار بىزنىڭمۇ ئورتاق كۈرىشىمىز. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن يېنىڭلاردا بولالمىساق، بىز قانداقمۇ بىر ئىنسان بولىمىز؟
مۇخبىر: بۇ نامايىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانداق بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز؟
كېررېن گۇبېرمان: شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈم لازىمكى، نامايىش جەريانىدا بىز پەقەت ئۆرە تۇرۇپ قويۇپلا بولدى قىلمايمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇ يەردە ئۆرە تۇرىمىز. ھازىر بىزنىڭ لەۋھەلىرىمىز ۋە نامايىش كىيىملىرىمىزمۇ بار بولدى. ھەر قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت ئىشلار ياكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن بىز تۈرمىگە تاشلانغان ياكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ نەتىجىسى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بىرنەچچە ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىنى تىلغا ئالىمىز. بىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا نامايىش جەريانىدا بىز شېئىرلارنى ئوقۇيمىز. نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز قىلغان ئىشلىرىمىزنى يېزىپ چىقىمىز ۋە گۇرۇپپىمىزدىكى بىرەيلەن يازغانلىرىمىزنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىدۇ. بىز بۇنى ئىسىملار ۋە شېئىر بىلەن بىللە خىتاي باش ئەلچىسىگە ئەۋەتىمىز. ھەر ئايدا شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمىز.
مۇخبىر: قانداق قىلغاندا بۇ خىلدىكى ئايلىق نامايىشقا بولغان قىزغىنلىق ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟
كېررېن گۇبېرمان: بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى بىز ئويلىغاندىنمۇ ھالقىپ كەتتى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشلىرىمىزدىن خەۋىرى بارلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا بىز ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى تېگىشلىك بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز.
مۇخبىر: باشقىلار سىلەرنىڭ دەۋايىڭلارنى قوللاش ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
كېررېن گۇبېرمان: نامايىشىمىزغا قاتنىشىڭلار. كېيىنكى نامايىش مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى، يەنى 22-ئاۋغۇست بولىدۇ. بىز كەچ سائەت ئالتىدە ۋېنىس (Van Ness) كوچىسىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇچرىشىمىز. شۇڭا سىلەرمۇ كېلىپ قاتنىشىڭلار.
مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
كېررېن گۇبېرمان: زىيارىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.