17-مارت شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش ئىشتابىدا، 58-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىن مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن بىر ھەيئەت بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان، ئۇ سۆزىنى ب د ت دا ئىشلىتىلىدىغان رەسمىي تىللاردىن بىرى بولغان ئەرەب تىلىدا قىلىشى بۇ يىغىندا ئەڭ كۆپ ئەرەبلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئاۋازغا ئېرىشىۋاتقان خىتاي ۋەكىللىرىنى گاڭگىرىتىپ قويغان.

بۇ قېتىمقى كېڭەشتە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان ئەرەب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتالماسلىقى، مەسچىتلەرگە بارالماسلىقى، قۇرئان ۋە دىنى پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندەك ھەيران قالغان بولۇپ، ب د ت يىغىن زالى سۈكۈناتقا چۆمگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلدۇق، ئۇ رادىيومىز ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىغىن مەزگىلىدە ب د ت دا بىر يۈرۈش پاراللېل يىغىنلار ۋە لوبى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، 17-مارت كۈنىدىن باشلاپ ب د ت ئالدىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېما قىلىنغان ئۈچ كۈنلۈك رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ب د ت دا قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقىنى يالغۇز دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان باستۇرۇش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىگە قىلىنغان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ب د ت ئورگانلىرى، خەلقئارا ئىسلام ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا شۇنداقلا بۇ كېڭەشنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىغا ئەگىشىشكە چاقىرىق قىلغان.