بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇزۇندىن بۇيان ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاخىرى ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
مەزكۇر دوكلات 31-ئاۋغۇست كۈنى جەنۋە ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنى مىشېل باچېلېتنىڭ ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىلىق ۋەزىپىسىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن 13 مىنۇت ئىلگىرى ئاندىن ئېلان قىلىنغان.
باچېلېت ئىشخانىسى مەزكۇر دوكلاتنى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن بېيجىڭنىڭ بۇ دوكلاتتىكى خىتايغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
48 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، مەزكۇر دوكلاتتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنمىغان.
ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە مۇزىيى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ «نىسبەتەن ئاجىز» بىر دوكلات بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ھەر جەھەتتىن ئېيتقاندا كۈچلۈك بىر دوكلات ئەمەس، ئەمما بۇ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش. دېگىنىمىزدەك، بۇ ئەڭ ياخشى نەتىجە ئەمەس، ئەمما ئومۇمىي ئەھۋالنى ئويلاشقاندا، بۇ خىل نەتىجىنىڭ چىقىشىمۇ ھەر ھالدا ياخشى بولدى. بۇ دوكلات ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر مەنبە بولۇپ قالىدۇ. خىتاينى ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچار قىلىدۇ. يەنى ئىشلار قەدەممۇ قەدەم بولىدۇ.»
ئۇ باچېلېتنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشقا ئاران ئون نەچچە مىنۇت قالغاندا ئاندىن ئېلان قىلغانلىقىنى، يەنى ئاخىرىقى مىنۇتلارنى ساقلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىدىكى مەزگىلدە ئاساسەن سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى «غايەت زور پۇرسەتنى قولدىن قاچۇردى» دەپ ئاتىدى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەمدى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئىزباسارىنىڭ زادى قانداق يول تۇتۇدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ دوكلاتنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئېلان قىلىنىشى، يەنىلا تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ب د ت، ھەرقايسىي دېموكراتىك دۆلەتلەر، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئورگانلاردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.
مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزگەنلىكى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ يېزىلىپ چىقىشىدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر قاتار دوكلاتلىرى، شۇنداقلا بۇ يىل 5-ئايدا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى پاكىتلاردىن پايدىلىنىلغان ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمنى ئېتىراپ قىلغان. دوكلاتتا مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىشلىتىلگەن. بۇ دوكلاتنى مەن ئېلان قىلغان دوكلاتلاردىن ئاجىزراق دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ دوكلاتتا مېنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىم ئوتتۇرىغا چىقارغان پاكىتلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلمىگەن، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تۇغۇت كونتروللۇقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تولۇق كىرگۈزۈلمىگەن.»
خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ب د ت شىتابىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسى باچېلېتنىڭ بۇ دوكلاتىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. ئۇلار بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، «بۇ ئاتالمىش <دوكلات> شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە، شۇنداقلا تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقىغا سەل قارىغان» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «باچېلېت ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، بۇ دوكلات خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان توپلۇقلارغا قارىتا خەلقئارا جىنايەت، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، باچېلېتنىڭ دوكلاتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا بىر ئاي قالغاندا شى جىنپىڭ كۆرۈشنى خالايدىغان بىر دوكلات ئەمەس. بۇ دوكلات خىتاينىڭ جىنايىتىنى رەسمىي تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.»
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 2018-يىلى مارتتا خىتاي «ئاساسىي قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى مۇددەتسىز ئۇزارتقان ئىدى. ئۇ ھازىر ئۈچىنچى قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلىق قىلماقتىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنىڭ قانچىلىك مۇجىمەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا خىتاينىڭ شۇنچە توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماستىن ئېلان قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور غەلىبە، دەپ قارىماقتىكەن.
دوكتور ئادرىيان زېنز ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى مەسىلە شۇكى، ھازىر ب د ت پالەچ بىر ھالەتتە. شۇڭا ھازىرقى گەپ غەرب دۆلەتلىرنىڭ ب د ت يىغىنلاردا خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم قىلىشىدا قالدى. ئۇلار باچلېتىنىڭ ئىزباسارىغا، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرىگە چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەك. بۇ دوكلات ئەلۋەتتە بىر ئىشقا يارايدۇ. لېكىن ئۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتەلمەسلىك پەقەتلا مەسئۇل كىشىلەرگە باغلىق.»
مەزكۇر دوكلات ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرى تەرىپىدىن بىر يىل بۇرۇن تەييارلىنىپ باچېلېتنىڭ ئۈستىلىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېلان قىلىشنى كۆپ قېتىم كەينىگە سۈرگەن. ئۇ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
سوفى رىچاردسون خانىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ دوكلاتنى ئۇنىڭ ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئون نەچچە مىنۇت بۇرۇن ئېلان قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھېچ چۈشەنمىدىم. بەلكىم بۇنى كېيىنكى كۈنلەردە بىلىپ قالارمىز. ئەمما مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ دوكلات شۇنچە ئۇزۇن ساقلاشتىن كېيىن ئاخىرى ئېلان قىلىندى. ئەمدى كېيىنكى قەدەم بۇ دوكلاتتىكى پاكىتلارنى، ھۆكۈملەرنى رەسمىي شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، ئۇلارغا ئادالەت ئەكىلىدىغان بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا قالدى.»