مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35-يىللىقىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرلىمەكتە

بۇ يىل 5-ئاپرىل كۈنى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلغان ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ قاتتىق باستۇرغانلىقىنىڭ نەق 35-يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بۇ پاجىئەلىك بىر كۈننى ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرلىمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانلىق باستۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا چوڭ نامايىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نامايىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن بارىن ئىنقىلابى پارتلىغان بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «بارىن قەھرىمانلىرى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بويسۇنمايدىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ ياشايدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بىر كۈن» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇنىخميۇنخېندا چاقىرغان بۇ نامايىشقا يۈزگە يېقىن ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقنى توختات»، «تېررورىست شىجىنپىڭ»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» ۋە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلىغان.

بۇ پاجىئەلىك كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 35 يىل ئىلگىرى بارىندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن. بۇ باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بارىندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىگە قارشى قوزغالغان ئىكەن. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى شۇ كۈنى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشقا قارشى تىنچلىق بىلەن نامايىش ۋە دۇئا قىلىۋاتقان 200 گە يېقىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىگىچە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇش، سولاش ھەتتا قانۇن سىرتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بارىندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيە قىسىملىرى، خىتاي خەلق ساقچى قىسىملىرى، خىتاي چېگرا قوغداش قىسىملىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسى 19000 كېلىدىغان بارىندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن 18000 خىتاي ئەسكىرى يۆتكىگەن. باياناتتا يەنە، خىتاي ئەسكەرلىرى 5-ئاپرىلدىن كېيىنكى كۈنلەردە نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى قانلىق قىرغىن قىلغان دېيىلگەن. بۇ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىندا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 20 گە يېقىن دەپ جاكارلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىندا ئېلىپ بارغان بۇ قانلىق باستۇرۇشى تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ قىرغىنچىلىق ئۈستىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇزۇن يىل كەسكەنلىكى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەملىك قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا بارىندا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانىنى بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.