خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش چاقىرىقىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

0:00 / 0:00

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر رايونىنى خىتايدىكى «ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومېتىتىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ يېزا خىزمىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى يوليورۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇپ، رايوننى خىتاينىڭ «ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاشلىق ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ كەنتلەرنى ئاساس قىلىپ، ئاشلىق، ياغ، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، ئورگانىك مىۋە-چىۋە ھەم كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پاختا، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ما شىڭرۇينىڭ «ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىگىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى، ھەرگىزمۇ يەرلىكلەرنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىنى ئاشلىق ۋە دېقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.»

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ چاقىرىق ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن، رايوندا لاگېر شەكلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كومپارتىيە شىنجاڭدا دېھقانچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ. شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. خەلقئارادىمۇ ھازىر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە دىققەت قىلماقتا. ئەمما خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە بۇ مەسىلىلەر ئەسلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە دائىر ئىشلارنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. مانا بۇلار شىنجاڭدىكى بارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەردە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدۇر.»

ئۇيغۇر دىيارى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولسا، 2017-يىلدىن كېيىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بارىلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.

2020-يىلى يىلىنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن تارقالغان «كوۋىد 19» يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، خىتايدا 3 يىل داۋاملاشقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ قاتتىق دەرىجىدە يۈرگۈزۈلدى. بولۇپمۇ 2022-يىلى 8-ئايدا باشلانغان ئاخىرىقى قامال 4 ئايغا يېقىن داۋاملىشىپ، قامال ئاستىغا ئېلىنغان خەلق ئېغىر ئاچارچىلىق ئازابىنى تارتتى، ، نۇرغۇن كىشىلەر كېسەل ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ھەتتا بۇ يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 44 ئادەمنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈشىدەك ئېغىر پاجىئەلەر كېلىپ چىقتى. شۇ سەۋەبتىن، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يۇقۇم قامالىغا قارشى نارازىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا يۇقۇم قامالى بىكار قىلىنىشقا باشلىدى. نەتىجىدە 12-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمى قايتىدىن يامراپ، ئادەملەرنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆلۈش پاجىئەلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» چاقىرىقىنى ئېلان قىلىنىشىغا ئېنىق سىياسىي مەقسەت يوشۇرۇنغان ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى چاڭجىياڭ دەرۋا ۋادىسى ۋە شەرقىي شىمالىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا كېيىنكى 30 يىلدا ئومۇميۈزلۈك شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش تېزلىشىپ، تېرىلغۇ يەرلەر ئازىيىەپ، خىتاينى تەمىنلەيدىغان ئاشلىق مەنبەسى بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن. ئاشلىق ئىمپورت قىلىنىشقا تايىنىپ قالغان خىتاي، كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىدە ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكارئىنادىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشىمۇ تەسلەشكەن.

ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن. يەنى خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاشلق يېتىشمەسلىك ياكى ئاشلىق قەھەتچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى 3 يىللىق قامالنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا 4 ئايغا يېقىن داۋام قىلغان قاتتىق قامال ئۇيغۇرلارنى ئېغىر ئاچارچىلىق ئازابىغا دۇچار قىلغان. يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر دىيارى ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ «ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇش» قا يۈزلەنگەن. ئۇيغۇر رايونننىڭ خىتاينىڭ ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، ئۆز يۇرتىدا مەجبۇرىي ھالدا ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرنىڭ بىشارىتى ئىكەن.