ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق رامىزاندا تۇنجى ئىپتارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق مۇقەددەس رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئەركىن ئازادە ھالدا رامىزانلىق ئىبادەتلەرنى باشلىدى. ھالبۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلار ئېغىر بېسىم ۋە چەكلىمە ئىچىدە رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالدى. چاغان مەزگىلىدە قايناپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيان بىر قېتىممۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق رامىزاننى كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن باشلىدى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شىتاتلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، كوللېكتىپ ئىپتارلىق قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 11-مارت، فايىرفاكىس
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 11-مارت، فايىرفاكىس (RFA/Shehrizad)

2024-يىلى 11-مارت كۈنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى»دە رامىزاننىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تۇنجى ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ۋىرجىنىيە ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى جايلاردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى، ئىپتارلىق پائالىيىتىگە بىر قىسىم چەت ئەللىك مۇسۇلمانلارمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 11-مارت، فايىرفاكىس
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 11-مارت، فايىرفاكىس (RFA/Shehrizad)

ۋىرجىنىيەدە تۇرۇشلۇق ياش دىنىي زات ئەنقەر ھاجىنىڭ دۇئاسى بىلەن بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. جامائەت بىرلىكتە ئېغىز ئېچىپ، ئۇيغۇرچە مەززىلىك تائاملاردىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 11-مارت، فايىرفاكىس
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 11-مارت، فايىرفاكىس (RFA/Shehrizad)

بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى يالغۇز رامىزاننىڭ كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان، دىنىي ئېتىقادىدىن مەھرۇم قىلىنغان قېرىنداشلارنى ئەسلەش ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش؛ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق رىشتىسىنى ئورنىتىش؛ شۇنداقلا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئورتاقلىشىشتىمۇ كۆرۈلدى.

بىز بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قەلبىنۇر غېنىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەلفىدار خانىم، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاننى تەبرىكلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قەلبىنۇر غېنى خانىم، رامىزان ئېيىدىكى كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈكنى، شۇنداقلا جامائەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

11-مارت كۈنى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدىن سىرت يەنە فايىرفاكىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدىمۇ ئىپتار پائالىيىتى بولدى.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.