يېقىندىن بۇيان «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئوبزۇرچىلىرى دۇنيانىڭ بارغانسېرى دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىكتىن ئىبارەت ئىككى سەپكە ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «دېموكراتىك ئەللەر» بىلەن «مۇستەبىت دۆلەتلەر» نىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنى، مەيدانى ۋە نىشانى روشەن ئىپادىلىنىپلا قالماي، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋە قارشىلىقمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ ئىككى سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى ۋەكىللىرى بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۆز ئەتراپىغا ئۆزلىرىنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىش ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى توپلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن.
ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ يېڭى تىپتىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى يېنىغا تارتىش بىلەن شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«بلومبېرگ ئاگېنتلىقى» تورىدا 3-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋەكىللىكىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ۋەكىللىكىدىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى ۋە زىددىيىتى ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دىنمۇ مۇرەككەپ بىر قارشىلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرىدىكەن. يەنى 21-ئەسىردە پەيدا بولغان بۇ يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىلا چەكلىنىپ قالماي، كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كېڭىيىدىكەن. دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىدېئولوگىيە شەكلى ئەسلىدە ئۆز ئىچىدە ئىختىلاپ ۋە قارشىلىق بولمىغان جايلاردىمۇ روشەن بۆلۈنۈش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىكەن.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن كونا «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» بىلەن يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇنقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى نوقۇل ھالدىكى ئىدېئولوگىيە توقۇنۇشى ئىدى. ھازىرقىسى بولسا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئىبارەت».
مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كوممۇنىزم لاگېرىغا تەۋە سوۋېت بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق سوۋېتقا تاقابىل تۇرغان. ئامېرىكا يەنە كوممۇنىست خىتاينى كوممۇنىست ۋېيتنامغا قارشى ئۇرۇشقا سالغان. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ۋىيېتنام ئامېرىكا بىلەن خېلىلا يېقىن. ئۆز ۋاقتىدا ھىندىستانمۇ ئامېرىكا بىلەن سوۋېتنىڭ رىقابىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ نەپ ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان. پاكىستانمۇ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىزمغا قارشى سەپكە قېتىلغان، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئاكا-ئىنىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۆزىنى كۈچەيتىۋالغان. ھالبۇكى، بۈگۈن بۇ دۆلەتلەر «دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى» بىلەن «مۇستەبىت دۆلەتلەر ئىتتىپاقى» دىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە، كۆپىنچە دۆلەتلەر يەنىلا ھەر ئىككىسىنى تاللايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ باشقىچە يولنى تاللىشى ناھايىتى تەس. ھىندونېزىيە بىلەن ۋېيتناممۇ ئامېرىكىغا تايىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي خىتايغا بېقىنىپ قالغان بولۇپ، خىتايدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى خالىمايدۇ.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر يېڭى تىپتىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» يۈز بېرىپ قالسا، ئامېرىكا بىلەن خىتايغا تەڭ تايىنىپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توقۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالىمەن دېسە بۇنىڭ بەدىلىنىڭمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى كوممۇنىزم بىلەن ئەركىن كاپىتالىزم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان كېڭەيمىچىلىك يولى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇستەبىتلىكنى بازارغا سېلىۋاتقان، كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيەسىنى قوغداپ، فاشىزملىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋاملىق كۈچىيىدۇ. ئۆزىنى ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ تەشەببۇسچىسى دەپ ئاتىۋالغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دۇنيا تەرەققىياتىدىكى ئۆرنەك، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۈلگىسى دەپ تەشۋىق قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا ئامېرىكىنى مەغلۇپ قىلىش، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان بۇ دۆلەتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ، ئۆزى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈش، ھاكىممۇتلەق سىياسىتى ۋە تەسىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم قىلىش.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭى تىپتىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋاملاشسا ھەم ئامېرىكا غەلىبە قىلىپ قالسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ. ئەگەر خىتاي غەلىبە قىلىپ قالسا، ھازىر ئۇيغۇر دەۋاسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بەزى ئۇتۇقلارمۇ قولدىن كېتىدۇ».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ئورنى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان بۇ زىددىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇيغۇرلار ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى غەربنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ئورنى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم».