ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ يىلمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان بۇ دوكلاتىدا دۇنيانىڭ بىر يىل ئاۋالقى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان بولۇپ، بۇ كومىتېت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئاق ساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىغا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن سىياسىي تەكلىپلەرنى بېرىدۇ.
ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى ستېۋېن شنەك بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن دىنىي ئەركىنلىك ھەممىدىن مۇھىمدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا دىنىي ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرسال ھوقۇققا كېلىدىغان تەھدىدلەرگە قارشى قاتتىق تۇرىشى كېرەك» دېگەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارى ئاسىف مەخمۇد بۇ يىلمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقىگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، تىبەتلىك بۇددىستلار، كاتولىكلار، پروتېستانتلار، فالۇنگوڭ مۇرتلىرى ۋە باشقا ئېتىقاد ئەھلىگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باستۇرۇشلىرى، قەبىھ جىنايەتلىرى ۋە زوراۋانلىقلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا بىز خىتاينى ئەڭ قاتتىق كاتېگورىيەگە كىرگۈزدۇق» دېگەن.
ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەرگەن تەكلىپىدە خىتاينى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت تىزىملىكىگە قايتا كىرگۈزگەندىن سىرت، يەنە ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىنى جازالاش كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن. بۇ 91 بەتلىك دوكلاتنىڭ خىتاي قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى جىددىي خىتايچەلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.