ھەربىي كۈچتە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ياپونىيە خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

0:00 / 0:00

10-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) ئاقسارايدا كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىش ئامېرىكانىڭ كۆپلىگەن تاراتقۇلىرىدا، جوۋ بايدېن بىلەن كىشىدانىڭ خىتايغا قارشى بىرلىك سەپنى كۈچەيتىشى دەپ قارالماقتا.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 10-ئاپرېل كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، شەرقىي ئاسىيادا مۇستەبىت ۋە ئىغۋاگەر دۆلەتكە ئايلانغان خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دېموكراتىيە، ئادىللىق ۋە تىنچلىقنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنىدا، ياپونىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئامېرىكا ئۈچۈن بارغانچە مۇھىم بولۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكى نامايان بولغان. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە توقۇنۇشى، شىمالىي كورېيە ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

جوۋ بايدېن بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە، ياپونىيەنى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش دېموكراتىك، ئىلغار دۆلەت دەپ ئاتىغان ۋە ياپونىيە بىلەن ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ياپونىيە باش ۋەزىرى دۇنيانىڭ ئامېرىكاغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ بۇ يەردە دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى خىتاي بىلەن رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرگە قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنىڭ داۋاملىق مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرېزىدېنت بايدېن خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىشكە تىرىشماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئىتتىپاقى (Aukus) ۋە ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىلىپپىن ھەم ئامېرىكا ئىتتىپاقى (Jaopus) قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالدىنقى ھەپتە پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئەگەر خىتاي قوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىمىز، بولۇپمۇ ياپونىيە بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك. ياپونىيە بىزنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ۋە تەقدىرلىشىمىزگە ئېرىشمەكتە، ئۇ بىزنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشىمىز».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قىممەت قاراشنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ياكى دۈشمەنلىكنىڭ تۈپ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكادەك دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتى ۋە كۈرەشلىرى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىكەن.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 10-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى تەيۋەن بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ كەلگۈسى مۇقىملىقىغا غايەت زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يېقىندا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «جۇڭخۇا ئائىلىمىزنىڭ جەم بولۇشىغا ھەر قانداق تاشقى كۈچ توسقۇن بولالمايدۇ» دېگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قورال كۈچى ياكى تەھدىت بىلەن خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكىمۇ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى، بۈگۈن ئۇكرائىناغا نۆۋەت كەلگەن بولسا، كەلگۈسىدە شەرقىي ئاسىياغا نۆۋەت

كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە 54 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان بۇ ئىككى دۆلەت بۈگۈن ئورتاق رەقىبلىرىگە قارشى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلارغا ئايلانغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلگەن ياپونىيە، ئەمدىلىكتە خىتايدەك ئورتاق رەقىبكە قارشى ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۈچى ۋە ھەربىي تېخنىكاسىنى مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.

خىتاينىڭ «قاباھەتلىك چۈشى» بولغان ياپونىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان. «ئىقتىساد دەۋرى» تور گېزىتىنىڭ 11-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ سۆھبىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ ئىككى دۆلەت تەيۋەن مەسىلىسى بىلەن دېڭىز ئارمىيە مەسىلىسىدە خىتايغا قارا سۈركىدى ھەم ھۇجۇم قىلدى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ھەم قارشى تۇرىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى 21-ئەسىردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىپ تەھدىتكە ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى تەھدىتى بىلەن خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تەھدىتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ ئاندىن مۇھىم ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 نەچچە تۈر بويىچە ھەمكارلىق تۈرى ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ «ھەربىي سانائەت مەسلىھەت كېڭىشى» قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە قوراللىرىنى ماسلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەش؛ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلەر بار ئىكەن.

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر بېرىشىچە، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يەنە ئاقسارايدا، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس (Marcos) بىلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. چۈنكى خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ھەم فىلىپپىن بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى ۋە تاقىم ئارال ئىگىدارچىلىقىنى تالىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەسلىدە ياپونىيە بىلەن فىلىپپىننى يالغۇز قويماقچى بولغان، ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە پىلان تۈزۈش ئارقىلىق، خىتاينى يالغۇز قالدۇرماقچى بولغان.

سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ جوۋ بايدىننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا، بولۇپمۇ فىلىپپىن توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىدى. بولمىسا پىرېزىدېنت بايدېن بۇ ئاينىڭ بېشىدا شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى تىلغا ئالغانىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ فىلىپپىننى قوغداش ۋەدىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ناھايىتى مۇھىم، ئامېرىكا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلەشسىمۇ، ئۇرۇشقاق خىتاينى پەيلىدىن ياندۇرۇش-ياندۇرالماسلىقى تېخى نامەلۇم» .

خىتاينىڭ 21-ئەسىردە كۈچلىنىپ دۇنياۋى تەھدىتكە، خەتەرلىك ئاپەتكە ئايلىنىشىنىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بولۇپ، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن مۇستەبىت دۆلەتلەر دەل مۇشۇ مەسىلىدە ئىككىگە ئايرىلىپ كەتكەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەدەك دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، دۇنيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىدا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.