ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا يەنە 50 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي ئامېرىكاغا قارشى 34 پىرسەنت قايتۇرما زەربە خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلان قىلىشى سەۋەبىدىن خىتايغا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان 34 پىرسەنت باجدىن سىرت يەنە 50 پىرسەنت يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى X-دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مېنىڭ قايسى دۆلەت بىزگە قايتۇرما زەربە خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويسا شۇ دۆلەتكە قارشى دەرھال ئىلگىرى قويۇلغاندىنمۇ يېڭى ۋە خېلىلا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇلىدۇ دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قارىماي، خىتاي تۈنۈگۈن 34 پىرسەنت قايتۇرما تاموژنا بېجى قويدى. بۇ باج ئۇلارنىڭ ئىلگىرى رېكورد ياراتقۇدەك تاموژنا باجلىرى، پۇل-مۇئامىلە سىرتىدىكى باجلار، شىركەتلىرىنى قانۇنسىزلارچە مالىيە جەھەتتىن يۆلەش ۋە پۇلىنى ئۇزۇن-مۇددەتلىك كەڭ كۆلەمدە تىزگىنلەش قىلمىشلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا يەنە، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەتىگىچە، يەنى 8-ئاپرىلغىچە، ئامېرىكاغا قويغان 34 پىرسەنت تاموژنا بېجى بىلەن ئىلگىرىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىسا، ئامېرىكا خىتايغا 9-ئاپرىلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان يەنە 50 پىرسەنت ئارتۇق تاموژنا بېجى قويىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قىلغان بارلىق سۆھبەتلىشىش تەلەپلىرى رەت قىلىنىدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 2-ئاپرىلنى «ئازادلىق كۈنى» دەپ جاكارلاپ، دۇنيادىكى 180 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاموژنا بېجى قويغان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى 34 پىرسەنت بولۇپ، ئۇ 9-ئاپرىل كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى قېتىم ئايرىم‏-ئايرىم ھالدا 10 پىرسەنتتىن قويغان تاموژنا بېجى بىلەن ئۆتكەن چارشەنبە قويغان بېجىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئومۇمىي سانى 54 پىرسەنتتىن ئاشىدىكەن. گېزىتتە بىلدۈرۈلۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ 1-ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا يەنە خىتاينىڭ ھەر خىل سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنت ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىغا 7.5 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىكەن.

پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا بۇ يېڭى تاموژنا بېجىنى قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قويغان بۇ يېڭى تاموژنا بېجىنى «تىپىك بىر تەرەپلىمىلىك زومىگەرلىك قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، سودا ياكى باج ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلغۇچى بولمايدىكەن، شۇڭا سودا مەسىلىلىرىنى «باراۋەر دىئالوگ» بىلەن ھەل قىلىش كېرەك ئىكەن.