ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى ئىككى قېتىم ئۆستۈردى، شۇنداقلا بۇنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان فېنتانىل (fentanyl) نى چەكلەشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن تېزدىن بىر قىسىم كەم تېپىلىدىغان مىنېرال ماددىلار ئېكسپورتىغا چەك قويىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا تەۋەسىدىن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ ئېغىر تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە يېڭىباشتىن دىققەت مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
ئۇرۇش چۇقانلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالامدۇ؟
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-ئاپرېلدىن باشلاپ خىتايدىن كېلىدىغان ماللارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى «خىتايغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىق» دەپ چۈشەنگەنلىكى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەپ تېزلا «بىز ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇشقا تەييار، يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرىغىچە قىلىشقىمۇ تەييار» دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت (Pete Hegseth) مۇ تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «بىز خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندۇق. بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق ئۇرۇش بولۇشى مۇھىم ئەمەس. چۈنكى تىنچلىققا موھتاج بولغان كىشى كۈچلۈك بولۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى لازىم» دېگەن.
بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان سودا ئۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆستۈرمەكچى بولغان تاموژنا بېجىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس سۈپىتىدە ئامېرىكا تەرەپ ئېكسپورت قىلماقچى بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئىمپورت بېجى قويماقچى بولغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئاقساراي ئىلگىرى ئۆستۈرمەكچى بولغان تاموژنا بېجىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» شەكلىنى ئالغان سودا ئۇرۇشىنىڭ چۇقانلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقتى. CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بۇ تەرىقىدە داۋام قىلسا ھېچكىمنىڭمۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەت قازىنالمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «شى جىنپىڭ شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، باج ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ياكى تېخنولوگىيە ئۇرۇشى ھەرقاچان تارىخنىڭ ئېقىمىغا خىلاپ. بۇنداق ئۇرۇشتا غالىپلار بولمايدۇ» دېيىلىدۇ. شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «خىتاينىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسا دۇنيانىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ؛ دۇنيانىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسا خىتايغا بۇ ھال تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ» دېگەن قۇرلارنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەمما «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 5-مارتتىكى ئوبزور ماقالىسىدە بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقى، ئەكسىچە شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىشىدىن بەكمۇ ۋايىم يەۋاتقانلىقى تەپسىلىي يەر ئالىدۇ.
خىتاي دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسا ۋەيران بولىدۇ
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل ئەندىشىلىرى ئەمەلىيەتتە دونالد ترامپ 2024-يىلى نويابىردا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىلا باشلانغان. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى دۇنيادىن ئايرىلغان يېتىم ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن بۇ خىلدىكى دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىش ماھىيەتتە ئۇنىڭ تۈپ دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا باراۋەر بولۇپ، خىتاي بۇ خىل مەنزىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ ھال يالغۇز سودا ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ھازىر خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان «ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش» نىڭ مەزمۇنى «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۈچلەرنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشى، بولۇپمۇ ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان رىقابەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا خىتاي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىگەن. ئىچكى قىسىمدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا چېكىنىشكە شاھىت بولۇۋاتقان شى جىنپىڭ بولسا خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا تايىنىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ موھتاج. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدەك «يېگانە ئارال» غا ئايلىنىپ قېلىشى شۈبھىسىز خىتايغا بەكلا زىيانلىق ھادىسىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا خىتاي ئۆز تاۋارلىرىنى دۇنياغا تارقىتىش ۋە زۆرۈر بولغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى ئىمپورت قىلىشتا زور توسقۇنلۇققا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن مۇتلەق ساقلىنىشى زۆرۈر.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۈچۈن ھەممىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدە خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىمۇ غالىپ ئورۇننى ئىگىلىگەن. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا دونالد ترامپ ئاجىز ئورۇندىن ئەمەس، ئەكسىچە غالىبلىق نۇقتىسىدىن خىتاي بىلەن روبىرو بولالايدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆز دىققىتىنى تېخىمۇ بەكرەك خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىپ قېلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى جىددىي ئويلىشىشقا ئۆتكەن. ئۇنىڭ رۇسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۆزىگە تارتىشىمۇ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە شىنا قېقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش ئارقىلىق غەربكە جەڭ ئېلان قىلىش ھەمدە دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن ئورنىتىش كويىدا بولۇۋاتقان خىتاي ئۈچۈن بۇ زادىلا ياخشى خەۋەر ئەمەس. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا برۇكىڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن جون كۇلۋېر (John Culver) مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارنىڭ (خىتاينىڭ) باش-ئايىغىنى ئوقۇپمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھۆججەتلىرىدە تاشقى مۇھىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدا كۆپلىگەن تەھدىتلەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى ئىشارە قىلىنىدۇ. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بولسا ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىدىغان بىر قىسىم تەدبىرلەر، بولۇپمۇ تاشقى مۇھىت ساھەسىدە خىتاينىڭ تاشقى ئېكسپورتى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملارنى يەڭگىللىتىدىغان تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ‹يېشىل سودا رايونى› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئېكسپورتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە تەدبىر-نىزاملارنى يولغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلار خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا ‹ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويمايدۇ› دېگەندەك ھېچنەرسىگە دال بولمايدىغان چارىلاردۇر. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 20 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ئەگەر خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا ئېلان قىلغان تاموژنا بېجى مەسىلىسىگە خۇددى شۇ شەكىلدە قايتۇرما زەربە بېرىمىز، دېسە، بۇ ياقتىن ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارغا قارشى باج مىقدارىنى ئايمۇ-ئاي ئۆستۈرسە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ، ياكى بۇنىڭدا ھېچقانداق كېلىشىم ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.»
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پاناما قانىلىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى خىتايدىن قايتۇرۇۋېلىش تىرىشچانلىقىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە خىتاي بۇ جايدا ئۆتكەن ئوتتۇز نەچچە يىلدا بەرپا قىلىپ چىققان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى مىللىي خەۋپسىزلىك ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. پاناما قانىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەسىرىدە بولۇشىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا «تېخىمۇ كۆپ دەسمايە جۇغلىغانلىق» قا باراۋەر بىر ئىش.
سودا ئۇرۇشى داۋام قىلسا خىتاي نېمىگە ئېرىشىدۇ؟
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سودا ئۇرۇشىدىن ئالغان ئەڭ چوڭ ساۋاق «قانچە كۆپ مۇشت ئاتسا شۇنچە كۆپ نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى» نى ھېس قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكا تەرەپ خىتايدىن سېتىۋالىدىغان تاۋارلار ۋە باشقا مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىن سېتىۋالىدىغانلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. بۇنى خىتايمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بولغاچقا 2025-يىلى 20-يانۋاردىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ تەكلىپنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلماستىن ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى خەن جېڭنى ئەۋەتكەن. «مىراس» فوندىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلىرىدىن مايكىل پىللسبۇرىي (Michael Pillsbury) بۇ ھەقتە توختىلىپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچە تۈركۈم خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە كېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا «ئۇلار بەكلا پەرىشان كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادى چاتاق بولۇۋاتىدۇ. ناۋادا ترامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرسە بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئۇلار ياخشى چۈشىنىدۇ» دېگەن.
يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 2025-يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتىنى بەش پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىشى خىتايغا نىسبەتەن يېڭى خىرىسلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. بولۇپمۇ دونالد ترامپنىڭ «ئامېرىكا بىرىنچى» شوئارى ئەمەلىيەتتە 1995-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى بەرپا قىلىپ چىققان ئۆلچەملەرنى بۇزۇپ تاشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن تەڭسىز مىقداردىكى ئېكسپورتنى ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ كەلگەن، دېگەنگە ئىشىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى خىتاي تەرەپمۇ چۈشىنىدىغان بولغاچقا يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدە ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتتە بولغان شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى كۆپ قېتىملاپ «بىز ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىشنى ئەمەس، ئەكسىچە شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز» دېگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جون كۇلۋېر مۇنداق دەيدۇ:
«شۇنداق. مېنىڭچە نۇرغۇن كىشى كۆز تىكىۋاتقان مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نىشانىنى قانداق بېكىتىشىدۇر. ھازىر ھەممىلا كىشى بۇ ساننىڭ بەش پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار قانداق قىلىپ بۇ نىشانغا يېتىدۇ؟ گەپ مانا مۇشۇ يەردە. ھازىر خىتاي ئۆزلىرىنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمىنى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئاشۇرۇپ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ تۆت پىرسەنتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا مالىيە خىراجىتى بىرئاز ئاشىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتى بىرئاز تۆۋەنلەيدۇ، بانكىلارنىڭ نەق پۇل زاپىسىغا بولغان تەلەپ سەل تۆۋەنلەيدۇ، ھۆكۈمەتمۇ بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، ئىستېمالچىلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ‹كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش› سىياسىتى بويىچە قوللىرىدىكى كونا تاۋارلارنى يېڭى تاۋارلارغا ئالماشتۇرالايدۇ، ھۆكۈمەت يەنە بىر ياقتىن قەرز بېرىشنى كۆپەيتىش ۋە پېنسىيە مائاشىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەرقايسى ئائىلىلەرنى چىقىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما بۇ تەدبىرلەرنىڭ قانچىلىك ئىجرا قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ھېچقاچان تېز سۈرئەتلىك يۈكسىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قىلالايدىغانلىرى ھەرقاچان بەكمۇ چەكلىك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار تاشقى سودا جەھەتتە، بولۇپمۇ سودا ۋە تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە بەكلا تېپىرلاپ قالىدۇ. »
نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكا تەرەپ ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى تەرەققىياتلار ئىككى تەرەپنىڭ فېنتانىل ۋە تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.