ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىگە قارشى دىپلوماتىك سىياسەت قوللانماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 18-مارت كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» دە قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىپ كېتىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىغا تەھدىت سېلىشىغا قارشى بەزى پىلانلارنى تۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تارىخ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز، ئۆگىنىدىغان تۇنجى نەرسە شۇكى، سىز رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىكىنى خالىمايسىز». پىرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلەرنى ئۇكرائىنادا 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يېتەرلىك ئەمەل قىلمىغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن ئېيتقان.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىغا كۆرە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەگە يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا پىرېزىدېنت نېكسوننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا يېقىنلىشىشى تەتۈر تاناسىپ ھاسىل قىلغان. يەنى ئۆتكەن ئەسىردىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى خىتاي بىلەن يېقىنلاشقان بولسا، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا خىتايغا قارشى رۇسىيە بىلەن يېقىنلاشماقچى بولغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىتتىپاق جەھەتتە ئىككى گۇرۇھ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە كاپىتالىزم بىلەن سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ئىككى لاگېرنى شەكىللەندۈرگەنىدى. 1972-يىلى سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى نېكسون خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاينى تەدرىجىي ھالدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ئېلىپ كىرگەن. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەينى چاغدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بۈگۈنكى رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭ سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئامېرىكانىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ترامپ ھۆكۈمىتى نېكسوننىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ، رۇسىيەنى خىتاينىڭ قوينىدىن تارتىپ ئەكەلمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، ئەمما بۇ ھازىر ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى خىتاي بىلەن رۇسىيە رەھبىرىنىڭ ھەر ئىككىسى دۇنياغا ئوخشاش كۆزدە قارايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى بىر دەپ ئويلايدۇ، ئامېرىكانى ئورتاق دۈشمەن كۆرىدۇ. ترامپ ئۇكرائىنادىكى قورقۇنچلۇق ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولسا، رۇسىيەگە ئۇنچە ياخشىچاقلىق قىلىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ نېفىت كىرىمىنى ئۈزۈۋېتەلىسە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى قارارى بويىچە رۇسىيەنىڭ نېفىت سېتىشىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ پۇتىننىڭ نېفىت سېتىشىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتالىسا، ترامپ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى توختىتالايدۇ. پۇتىننىڭ پۇلى قالمىدى دېگەنلىك ئۇكرائىنادىمۇ ئۇرۇش بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر».

گوردون چاڭ ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنت رېگاننىڭ يولىدا مېڭىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپلىگەن كىشىلەر بىزنى، يەنى ئامېرىكانى چوقۇم رۇسىيە بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ بىزگە 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنى ئەسلىتىدۇ. شۇ چاغدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكانى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك دەپ قارىغانىدى. ئەمما پىرېزىدېنت رونالد رېگان ئۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئۇنىڭ سىياسىتى ناھايىتى ئاددىي ئىدى، كېيىن ئۇ «بىز غەلىبە قىلدۇق، ئۇلار مەغلۇپ بولدى» دېدى. بۈگۈنكى دەۋردە، بىز رېگاننىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە پاراسىتىنى قوللانساق بولىدۇ. بىز پۇتىننىڭ رۇسىيەسى بىلەن بىللە ياشىمىساقمۇ بولىدۇ، بىز ئۇنى مەغلۇپ قىلالايمىز».

پىرېزىدېنت ترامپ «فوكس تېلېۋىزىيەسى» دە قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدىن باشلاپلا كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە دېيىلىشىچە، دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىلا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرماقچى بولغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا سودا ئۇرۇش قوزغاپ، يۇقىرى تېخنىكا جەھەتتە خىتاينى چەكلىگەن بولسا، رۇسىيەگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلغان. ئەمدى 2-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە خىتايغا ئۈستىلەپ باج قويۇشنى داۋام قىلىپ، رۇسىيەنى يېنىغا تارتىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى توختىتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن. ترامپ رۇسىيەنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەگە قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي جازانى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئېنېرگىيە جەھەتتە ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرسە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى، رۇسىيەنىڭ بولسا پەقەت نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ زورىيىپ كېتىشى رۇسىيەنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئامىللار ئىكەن. رۇسىيە ھەر دائىم ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا ئۇنىڭغا ئىقتىساد ۋە سىياسىي جەھەتتە پايدا-مەنپەئەت بەرسە، رۇسىيە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى قايتا تەڭشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنى ساقلاش» دېگەندەك ئورتاق نىشانىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشمۇ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىكەن. خىتاينىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرگەن ھەمدە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قېتىلغان رۇسىيە نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەمبىرىدىن قۇتۇلىمەن دېسىمۇ قۇتۇلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ئايدا قىلغان سۆزىدە، ‹ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزماقچى› دېگەن قاراشنى رەت قىلىپ، «گەرچە ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ شېرىكى بولۇپ قېلىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، يادرو قورالىغا ئىگە بۇ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ زىتلىشىپ قېلىشى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىسىز» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكانىڭ خىتايغا قوللىنىۋاتقان دىپلوماتىيە تەدبىرى كانادادا ئېچىلغان «7 دۆلەت گۇرۇھى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىمۇ ئەكس ئەتكەن. 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە كانادانىڭ كۇبىك شەھىرىدە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيەدىن تەركىب تاپقان «7دۆلەت گۇرۇھى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بىردەك ھالدا خىتايغا قارشى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش، تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك باياناتلاردا قەتئىيلىكنى ئىپادىلەپ، بۇرۇن قوللىنىپ كەلگەن «خىتاينىڭ بىرلىكى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش» دېگەندەك گەپلەردىن ۋاز كېچىش تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش نەچچە ئون يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىدىكى تۈپ پىرىنسىپ بولۇپ كەلگەن. شۇڭا غەرب دۆلەتلىرى تەيۋەن بىلەن بىرەسمىي شەكىلدىلا مۇناسىۋەت باغلاپ كەلگەن. ئەمدى 7 دۆلەتنىڭ «خىتاينىڭ بىرلىكى» جۈملىسىنى ئورتاق باياناتتىن چىقىرىۋېتىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسى بۇ باياناتقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «7 دۆلەتنىڭ بۇ باياناتى خىتاينىڭ قەتئىي مەيدانىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ۋە خىتاينى ئاشكارا ھاقارەتلىگەنلىك» دېگەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى، ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بۇ باياناتتىكى قاراشقا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارچە بولغاندا، بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق. مېنىڭ ئەڭ دىققەت قىلغان يېرىم شۇكى، بۇ قېتىم 7 دۆلەت گۇرۇھىدىكىلەر مەيلى تەيۋەن مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بولسۇن، مەيلى خەۋپسىزلىك ياكى ئىقتىسادىي ئىشلاردا بولسۇن، كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئۆز باياناتىدا دېگەنلىرىگە زور دەرىجىدە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ھالدا بىز ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ھەرىكەتلەرگە قېتىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۇلار راستتىنلا بۇ باياناتتا دېگىنىدەك ھەرىكەت قىلسا، ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز».

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا «7دۆلەت گۇرۇھى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە سېلىۋاتقان تەھدىتى ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مىنىستىرلار بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى خىتايغا خۇش ياقىدىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەنىدى، ئەمدى بۇ بايانات ئارقىلىق خىتاينىڭ پىلانىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ناھايىتى روشەنكى، ‹7 دۆلەت گۇرۇھى› نىڭ خىتايغا بولغان ھوشيارلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە».