ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىق رىقابىتى كەسكىنلەشمەكتە (1)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلىش ئۈچۈن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قوللانغان ئايرودۇرۇمىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىغان. خىتاي بولسا ئامېرىكانىڭ ھەربىي قورال-ياراغ سانائىتىگە كېرەكلىك خام ئەشيالارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن.

غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم ئارال

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندىكى بىر تاقىم ئارالغا جايلاشقان ئايرودۇرۇمنى يېڭىلاپ قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇم ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئارالنى قايتىدىن ھەربىي بازا قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن بولىدىغان جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكادىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورى 17-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆلىمى40 كىۋادرات ئىنگلىز مىلىغا يەتمەيدىغان بۇ ئارال غەربىي تىنچ ئوكياندىكى شىمالىي مارىيانا تاقىم ئارىلىغا تەۋە ئۈچ ئاساسلىق ئارالنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋايغىچە سوزۇلغان غەربىي چېگراسىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

«تىنيەن» (Tinian) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئارالنى خىتايلار 天宁岛 دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىلا ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى بىلەن تونۇلغان. بۇ ئارال توكيوغا يېقىن بولغانلىقى، يەنى توكيو بىلەن ئارىلىقى 1500 ئىنگلىز مىلىغا يەتمىگەنلىكتىن، ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكانىڭ ياپونىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بومبا تاشلاش بازىسىغا ئايلانغان. بۇ ئارالنىڭ خىتاي ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئارىلىقى يېقىن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھۇجۇمىنى توسۇش ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان بۇ ئارالغا يېرىم مىليارد دوللارغا يېقىن پۇل خەجلەپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يېڭىلاپ قۇرۇشقا باشلىغان.

1944-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنيەن ئارىلىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ياساشقا باشلىغان؛ 1945-يىلى 8-ئايدا، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر يادرو قوراللىرىنى توشۇغان ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلاننى قويۇپ بەرگەن. ئاتوم بومبىسىنىڭ ياپونىيەگە تاشلىنىشى بىلەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، ياپونىيە تەسلىم بولغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتى ئامېرىكىنى بۇ ئارالدىن قايتا پايدىلىنىشقا، بۇ ئارالدا زامانىۋى ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ، كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ماي قاچىلاش، ئۇچۇش ۋە قونۇش ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىنى ياساشقا سەپەرۋەر قىلغان.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي توقۇنۇشنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئىقتىسادىي توقۇنۇش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇلارنى ئىككى دۆلەتنىڭ رىقابىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىساق بولىدۇ. بۈگۈنكىدەك يەر شارىلىشىۋاتقان دەۋرىدە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئورۇن بوشاتماقتا. ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى قايتىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە. سودىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، سىز سودا شېرىكلىرىڭىز بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلامسىز ياكى رىقابەتچىلىرىڭىز بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلامسىز؟ 90-يىللاردا بۇ مۇھىم ئەمەس ئىدى، ئەمما ھازىر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇشىنىڭ تەسىرى ئەمدى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ ئارالدىكى ھەربىي بازىسىنى كۈچلەندۈرۈشى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق كۈچنى ھىندى-تىنچ ئوكيانغا يۆتكەشتەك بۈيۈك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، تىنيەن ئارىلىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ۋە كېڭەيتىلگەن ئايرودۇرۇم 20 مىليون كىۋادرات ئىنگلىز مىلدىن ئاشىدىغان ئۇچۇش-چۈشۈش يولى، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ خىل مۇھىتقا ماسلىشىش، جىددىي ۋە دائىملىق ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. تىنيەن ئايرودۇرۇمى يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرىغا ئىشلىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى ئاللىقاچان ئامېرىكاغا تەھدىت دەپ تونۇغان بولۇپ، تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا ياپونىيەدىن شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغىچە سوزۇلغان دائىرىدە خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى قوللانماقتا ئىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رايوندىكى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى تۇرىدىغان بازىلارغا يېتىپ بارالايدىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا شەكىللەندۈرگەن مۇھاسىرىسىگە قارشى خىتاينىڭمۇ دېڭىز ئارمىيە كۈچى ۋە راكېتالىق بومبا كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تەھدىت ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، گۇئامدا ئۆلچەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئېگىزلىك رايونى مۇداپىئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان.

تىنيەن ئارىلىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب: بۇ ئارال تەيۋەن بوغۇزىدىن، شۇنداقلا تالاش-تارتىش ئىچىدىكى شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىن 1500-1700 مىل يىراقلىقتا ئىكەن؛ ياپونىيە ۋە فىلىپپىننىڭ بۇ رايونلاردا خىتاي بىلەن چېگرا توقۇنۇشلىرى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنيەن ئارىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى سامۇئىل پاپارو 20-ئىيۇل بۇ ئارالغا قىلغان زىيارىتىدە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئارالدىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما ھەر ئىككىسى بىلەن مۇقەررەر ئۇرۇش قىلىش ياكى پات يېقىندا ئۇرۇش قىلىشتەك نىشانىمىز يوق. ئامېرىكا قوماندانلىرى پەقەت ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، پىلانلىق ھەرىكەت قىلىشنى داۋام قىلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي تەييارلىققا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىرادىسى ئامېرىكاغا باققاندا كۈچلۈك. بىز شى جىنپىڭ بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ئۇنىڭ بىزگە ئۇرۇش ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلىغانىدى، بىزمۇ ھازىر كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا غەپلەتتە ئۇخلاۋاتىمىز».

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ نىشانى خىتايغا ئۇرۇش قوزغاش ئەمەس، بەلكى خىتاينى تىزگىنلەش. خىتاينىڭ نىشانى بولسا ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باھا بېرىشىچە، تىنيەن ئارىلى ئامېرىكىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى خىرىسىغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇن رەقىبلىرىنى توسۇشىدا، ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەشكە قولايلىق يارىتىشىدا، شۇنداقلا غەربىي تىنچ ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر، چارلاش ئېلىپ بېرىشىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.