ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى قويغان «قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك ھەرىكەتلىرى» سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرى 245 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. بىر ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ سەيشەنبە كەچتە ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېڭى سان خىتاينىڭ بەزى ماللىرى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ يۇقىرى باج نىسبىتى بولۇپ، ئۇلار ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان 125 پىرسەنت تاموژنا بېجى، زەھەرلىك چېكىملىك فېنتانىل مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇلغان 20 پىرسەنت باج، شۇنداقلا مەۋجۇت قانۇننىڭ 301-ماددىسىغا ئاساسەن قويۇلغان 100 پىرسەنتكە يېقىن باجلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىكەن.
ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ماشىنىلىرى ئامېرىكادا 245 پىرسەنت تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى ئاللىبۇرۇن ئاستىلاشقان بولۇپ، ئامېرىكاغا ماللىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا بازىرىنى يوقىتىشى بىر چوڭ زەربە ئىكەن. بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش بازارلارنى ئىزدىشىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ ۋاشىنگتون ياكى بېيجىڭنى تاللىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.
بىر مۇخبىر چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جەندىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ 245 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئىنكاسىنى سورىغىنىدا، لىن جەننىڭ ئىچى پۇشۇپ، «سەن باجغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق سانلارنى ئامېرىكا تەرەپتىن سورا» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى كۆپ قېتىم ئېنىق بىلدۈرۈپ بولدى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى «قەغەز يولۋاس» دەپ ھاقارەتلەپ تېخى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قارشى 125 پىرسەنت باج قويغان ئىدى.
ئەنگلىيە BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تۇيۇقسىز چارشەنبە كۈنى بىر يېڭى سودا ۋەكىلىنى تەيىنلىگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى سودا ۋەكىلى سادىق ياردەمچى سودا مىنىستىرى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەلچىسى لى چېڭگاڭ ئىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ كۆپ قېتىم خىتاي تەرەپنىڭ باج مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە يەنىلا ئامېرىكانى ئەيىبلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەلدى. بلۇمبېرگنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بېسىم قىلغان. ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت بۇ توغرىسىدا، «ئەمدى تاللاش خىتايغا مەنسۇپ. خىتاي بىز بىلەن كېلىشىشى كېرەك. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق... خىتاينىڭ بىزنىڭ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلىرىمىزغا ئېھتىياجى بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ پۇلىمىزغا ئېھتىياجى بار» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پات يېقىندا كېلىشمىسە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە، ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى مىللىي دارامىتى پەسكويغا چۈشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قۇرۇلتاي جەريانىدا ئۆزىنىڭ 2025-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى، يەنى مىللىي دارامەت نىسبىتىنى 5 پىرسەنتكە ئۆستۈرىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۆزىنىڭ مىللىي دارامەت نىسبىتىنى 5 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى مىللىي دارامىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆسۈشنىڭ ئورنىغا بىر-ئىككى پىرسەنت تۆۋەنلەيدىكەن.
شىۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ھازىرقى شارائىتتا تاموژنا بېجىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىللىق مىللىي دارامىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىككى پىرسەنت كەينىگە سۆرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىمىزدىكى سودا پەسلىدە خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتى 3 دىن 2 قىسمى كېمىيىپ، ئامېرىكاغا 2025-يىلى قاراتقان ئومۇمىي ئېكسپورتى 10 پىرسەنت ئازىيىدىكەن.
ئامېرىكادىكى مەشھۇر مەبلەغ سالغۇچى كېۋىن ئولېئارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ توقۇنۇشتا يېڭىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەبلەغ سالغۇچى ئولېئارى سۆزىدە «گەرچە مەن خىتايغا 400 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى ئارزۇ قىلساممۇ، ئەمما ئۇ بەك يوغان گەپ. 100 پىرسەنتتىن ئارتۇقلا باج ھەممە سودىنى ۋەيران قىلىدۇ. شى جىنپىڭ ۋاقتى كەلگەندە ترامپ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىككى قېتىم سۇنغان زەيتۇن شېخىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر» دېگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ مالىيە زايومىنى بازارغا قويسا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ كۈچى يوق. مانا بۇ ئىقتىساد دېگەن شۇ. ئەگەر ئۇ مالىيە زايومنى سېتىشنى باشلىسا، دوللارنىڭ قىممىتى چۈشۈپ، ئۇنىڭ (خەلق) پۇلى ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئاساسەن يېڭىلىدۇ» دېگەن.