خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالغانلىقى يېقىندىن بۇيان ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردىكى بىر قىسىم نۇتۇقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغانلىققا باراۋەر، دەپ قارىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل قاراشلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مەت پوتتىنجىر (Matt Pottinger) ئىمزاسىدا 29-مارت كۈنى «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا «شى جىنپىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىندى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە بىرنەچچە قېتىم ئاشكارا ھالدا خىتاي ئارمىيەسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرىنى «جەڭگە تەييار بولۇش» قا چاقىرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا ھەربىي تەييارلىق ھەققىدىكى يېڭى قانۇننى ئېلان قىلغان، تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مۇئەسسەسەلىرىنى ياسىغان، شۇنىڭدەك دۆلەت مىقياسىدا «دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى» نى قانات يايدۇرغان. ئۇ مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرغان ھالدا «خىتاي ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئاپتور گەرچە بۇ ئۇرۇشنى پات يېقىندا باشلىنىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ بىز سەل قارىساق بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دەيدۇ.
ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەۋقەدىكى بايانلىرى ئەمەلىيەتتە 2022-يىلىدىن باشلاپلا كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 2022-يىلى ئۆكتەبىردە «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلىدا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئارمىيەنى كۈچەيتىپ غەلىبىلىك ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەيلى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە «جۈنجېڭ» تەخەللۇسىدا يېزىلغان. ئاپتور بۇ تەخەللۇسنىڭ «ھەربىي ھۆكۈمەت» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىكى بەزى قۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭدا «بىزگە تېڭىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشقا نىسبەتەن بىز جەزمەن دۈشمەنلىرىمىز چۈشىنەلەيدىغان تىلدا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئۇرۇشتا جەزمەن يېڭىپ چىقىدىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان گومىنداڭ ئارمىيەىسنى يېڭىشتەك جەڭ تەجرىبىسىگە ۋە روھىغا ئىگە» دېيىلگەن.
گەرچە بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن سەككىز يىل ئۇرۇش قىلىپ ھالىدىن كەتكەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنى «تاغدا ئولتۇرۇپ يولۋاس تاماشىسى قىلىش» شەكلىدە ئۆزىنى سەككىز يىل كۈچلەندۈرگەن كومپارتىيە ئارمىەسىنىڭ مەغلۇپ قىلغانلىقىدەك رېئاللىقنى تىلغا ئالمىغان، ئۆزلىرىنىڭ كورېيە ئۇرۇشىدا ۋە ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ قالغانلىقىدەك نومۇسلۇق تارىخنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن ئۇرۇش ھەققىدىكى بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى «شى جىنپىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ساۋاق ئېلىشى» دەپ شەرھلەيدۇ. يەنە كېلىپ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئۇنچە جىددىي مۇئامىلىدە بولماسلىقى ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئىشلارغا مەنسۇپ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە ئاشكارا ھالدا ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا تەرەپ بۇ جەھەتتە بەكمۇ ئاستا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«خىتاينىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بۇ خىل سۆزلەرنى قىلغان. ھازىر شى جىنپىڭ بىلەن چىن گاڭ ئوخشاشلا ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدىكى سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلە بەكمۇ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ قارايمەن. ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، خىتاي بۇنداق توقۇنۇشنى خالاۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ئارمىيەسى ھازىر خىتاي تەۋەسىدە ھەمدە خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىدا بارغانسېرى زور ئورۇننى ۋە ھوقۇقنى تەشكىل قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇرۇش يېقىن كەلگۈسىدە جەزمەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئارمىيەمىز بۇنىڭغا ھازىرلىق كۆرۈشى ھەمدە بۇ ئۇرۇشقا كۆپ ۋاقىت قالمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. ئەگەر بىز تەييارلىق كۆرسەكلا خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. شۇڭا بىزنىڭ تەييارلىق كۆرۈشىمىز بەك مۇھىم. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۆز ئورامىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۆزىمىزنى قوغداشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ بولغانلىقىنى بىلىشى لازىم.»
ئاپتور ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش ھەققىدىكى بايانلىرى ئاغزاكى شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئەمىلى قەدەملەر ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى كېچياڭ «ئىككى يىغىن» جەريانىدا 2023-يىلى خىتاينىڭ يىللىق ھەربىي مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ 224 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 7. 2 پىرسەنت ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك ئاشكارا ھالدا «ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ھەربىي خىراجىتى ھەرقاچان ئۇلار ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئەمىلى ساننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىمۇ ئوخشاشلا سىر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شى جىنپىڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلىپ «يېقىن كەلگۈسىدە بىز دۇچ كېلىدىغان خىرىس ۋە خەتەرلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. ئەمما بىز بىر نىيەتتە بىر كىشىدەك ئىش كۆرسەك غەلىبە جەزمەن بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ» دېگەندەك جۈملىلەرنى ئىشلىتىشىنىمۇ ئاپتور بۇ خىل ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاشكارا جاكارلىنىشى، دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئاشكارا ھالدا «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىزنى تۆت تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىش، قورشاش ۋە بېسىم قىلىش قىلمىشلىرى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېيىشىنى «شۈبھىسىزكى خىتاي ھازىر پائال تۈردە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئاپتور تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەينى ۋاقىتتا شى جىنپىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكنى چەكلەش، «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قامالنى ئىجرا قىلىش» دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغاندا بىر قىسىم كىشىلەر «بۇلارنىڭ ھەممىسى قىسقا مۇددەتتە ئەمەلدىن قالىدۇ» دەپ ئويلىغانلىقىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ بۇنداق بولمىغانلىقىنى، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇرۇش چۇقانلىرىنىڭ ئەپسانە ئەمەسلىكى، بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەل قارىسا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئۇرۇش تەييارلىقى» غا تاقابىل تۇرۇش قارىشى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىمۇ بەلگىلىك سالماقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم. «فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۆت يۇلتۇزلۇق گېنېرالى مايك مىنىخان (Mike Minihan) بۇ ھەقتىكى يازما خاتىرىسىدە ئېنىق قىلىپ: «تەيۋەن ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 2024-يىلىدا بولۇشى، شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولۇشى ھەمدە تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئارزۇسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش 2025-يىلى پارتلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ھۆكۈمنىڭ خاتا بولۇپ چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دېگەنىدى.