ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا باشلانغان سودا ئۇرۇشى، تاجسىمان ۋىرۇسى ۋە باشقا بىر قاتار ئامىللار ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆپلىگەن ئېگىز-پەسلىكنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى باشلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان دەسلەپكى قەدەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ھەمدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش، شۇ ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىققا چەك قويۇش تىرىشچانلىقى باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان كەلگۈسى مۇناسىۋىتى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتىكى بەزى تەرەققىياتلارغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «برۇكىڭ ئىنستىتۇتى» 25-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئىشتىراكىدا بىر مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.
مۇھاكىمە رىياسەتچىسى، برۇكىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رايان خاس (Ryan Hass) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، تېخنولوگىيە ساھەسىدە سەركىلىك ئورنىنى يوقاتماسلىق ۋە خىتاينىڭ دۇنياۋى زور كۈچ بولۇپ باش كۆتۈرۈشىنى چەكلەشتەك ئۈچ چوڭ نىشاننى ئالدىن ئويلىشىلىدىغان مەزمۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا خەلقىنىڭ مۇشۇنداق ئويلاش-ئويلىماسلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىدى. «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى راجا كرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi) بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى بەزى رېئاللىقنى يېقىندا تاماملانغان ئاممىۋى راي سىناشتا ھاسىل بولغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خەلقى ئورتاق ھالدا خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نى غەلىبە قىلسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداقلا راي سىناشتىكى 80 پىرسەنتتىن ئارتۇقراق كىشى «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە كىرىپ قالسا بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئالدى بىلەن قۇدرەت ساھىبى بولۇشى كېرەك، شۇندىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغۇدەك ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلىرىدە بولۇشقا پېتىنالمايدۇ.
«برۇكىڭ ئىنستىتۇتى» نىڭ خادىمى پاترىشا كىم (Patricia Kim)نىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئاق ساراينىڭ خىتاي سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. ئۇ بۇ توغرىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدىكى پەرقلەر ۋە ئوخشاشلىقلارنى قانداق ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مۇلىنار (John Moolenaar) بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ بەكمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەسىلىسىدە دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاق ساراي ئوتتۇرىسىدا تۈپكى مەسىلىلەردە چوڭ ئىختىلاپ مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ھە دەپ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرلىكنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش قەدىمىنى تېزلىتىش تېخىمۇ مۇھىم. بۇ خىل تېزلەشتۈرۈش 2027-يىلىغا بارغىچە جەزمەن ئەمەلگە ئېشىشى لازىم. چۈنكى شى جىنپىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئاشۇ يىلى تەيۋەننى ئوڭۇشلۇق ئىشغال قىلىشقا تەييار بولۇش چاقىرىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە زېھىن قويۇۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە سودا مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىشنى باھانە قىلىپ تەيۋەن مەسىلىسىنى سودا مەسىلىسى بىلەن باراۋەر ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ناۋادا دونالدا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشسا جەزمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، سودا مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتىرىسىغا سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىپ، سۆھبەتنىڭ قاراتمىلىق خاراكتېرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئاكتىپ مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى «تىك-توك» نى قانداق بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، جون مۇلىنار ۋە راجا ئەپەندىلەر بىردەك بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خەۋپسىزلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە چەكلىمىگە ئۇچرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يەنە بىر ياقتىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئىزچىل مەركىزىي تېمىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقىمۇ بۇنىڭغا ئېغىر سايە تاشلاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ماددىي جەھەتتىن قوللىشى، جۈملىدىن رۇسىيەدىن غايەت زور مىقداردا نېفىت سېتىۋېلىش، رۇسىيەنى ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ھازىر ئەڭ يۇقىرى پەللىدە مەۋجۇت بولماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا جەزمەن ئۆزىنىڭ ھېچقايسى جەھەتتىن ئاجىز ئەمەسلىكىنى خىتايغا روشەن ھالدا ھېس قىلدۇرۇشى بەك مۇھىم.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر باشقا ساھەلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان سوئاللارنى سورىدى. شۇ قاتاردا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيونىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فاڭ نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئالدىنقى قېتىم ھۆكۈمەت باشقۇرغان دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ ھال بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق بولغان سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن بېشارەتمۇ» دەپ سوئال قويدى.
مۇلىنار ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز ئېلىپ خىتاي مەسىلىسىنىڭ ئىزچىل ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى قايتىدىن ئىش باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بۇيرۇقلار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن خىتاي سىياسىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بولۇپمۇ فېنتانىل مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتايغا تاموژنا بېجى قويۇش، سودا ساھەسىدە ئادىل بولۇش قاتارلىقلاردا نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىلگىرىكىدىن باشقىچە بولغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ بولۇپ، سىياسەتتىكى ئىزچىللىق نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ رېئاللىق ھېسابلىنىدۇ.
بروكىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ خىلدىكى مۇھاكىمىلىرى كۆپىنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگە تەۋسىيەلىك پىكىرلەرنى يوللاش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.