ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 2 كۈن ئۆتمەيلا، يەنى 16-يانۋار خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا نىڭ PVH گۇرۇھى ئىگىدارچىلىقىدىكى كالۋىن كلايىن (Calvin Klein) ۋە تومى خىلفىگېر (Tommy Hilfiger) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا «نامۇۋاپىق ھەرىكەت» بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 2024-يىلى سېنتەبىردە بايانات بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك نورمال سودا پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى گۇمانى بىلەن ئامېرىكا PVH شىركىتىنى «ئىشەنچسىز شىركەتلەر تىزىملىكى» ئاستىدا تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 16-يانۋار خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئىشەنچسىز شىركەتلەر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتى مېخانىزمى ئامېرىكا PVH گۇرۇھىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك تەكشۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيان، بىز PVH گۇرۇھىنىڭ بايانلىرى ۋە ئۆزىنى ئاقلاشلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدۇق. PVH گۇرۇھى تاپشۇرغان يازما ماتېرىياللارنى تەكشۈردۇق. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە PVH گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلاندى. تەكشۈرۈش ئىشخانىسى يېقىن كەلگۈسىدە PVH گۇرۇھىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشنى پىلانلىدى. ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ».
ئۇنداقتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتنى ئېلان قىلىشى ئامېرىكا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ، خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىمۇ؟ ياكى ئەمەسمۇ؟
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ بۇ، يۈز بېرىدۇ. شى جىنپىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى خالىمايدۇ. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي بازىرىدىن پايدا ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما خىتايدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەلكىم يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. يەنە بىرى، شى جىنپىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆستۈرۈلگەن ۋە يىغىۋېلىنغان پاختىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىروگراممىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرگە شېرىك بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار خىتايدىن ئايرىلىشى كېرەك».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكانىڭ PVH گۇرۇھى ئىگىدارچىلىقىدىكى كالۋىن كلايىن ۋە تومى خىلفىگېر شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا «نامۇۋاپىق ھەرىكەت» بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئېنىقكى، بۇ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدۇر. چۈنكى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا 37 خىتاي شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىدى. شۇڭا، PVH شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك نامۇۋاپىق ئىشلار سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ دېيىش، بۇنىڭ خىتاينىڭ بىۋاسىتە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېنىقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە گېئو-ئىقتىساد (geo-economics) دۆلەتلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۆچ ئېلىش قورالى بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بىزگە ئايان بولغىنىدەك، گېئو-ئىقتىساد ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا قانداق رىقابەتلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار رىقابەت قىلغاندا، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن ئېمبارگو قويۇش بۇلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجىنى ئاشۇرۇش تەھدىتىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر».
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم كان بايلىقلىرىنى ئاچىدىغان ھەم پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان داڭلىق شىركەتلەر، «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەر ۋە كۈنتاختىلارغا ئىشلىتىلىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر قوشۇلغانىدى. بۇلار، خۇافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتى، دۇڭخەي كۈنتاختا تېخنىكا شىركىتى، خۇڭيۈەن يېشىل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۇنياغا تونۇلغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە چەكلەنگەن خىتاي شىركەتلىرى 150 كە يېقىنلاپ قالدى. بۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك زوراۋانلىقى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەركىنلىك ۋە ئادىل رىقابەتنى قوغداۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ».