مۇتەخەسسىسلەر:«خىتايغا خۇشخەۋەر بولغان ئىشلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇم خەۋەردۇر»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-مارتتا ئېلان قىلغان ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا بىنائەن «ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى» (USAGM) قارمىقىدىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەبلىغىنى توڭلىتىش ۋە ئۇلارنى قىسقارتىپ ئىخچاملاش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئەھۋال تېزدىن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن ئاخباراتلار بۇنىڭ پايدا-زىيىنى ھەققىدىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشقا باشلىغاندا خىتاي ئاخبارات ساھەسى تېزدىن بۇنىڭغا ئالقىش ياغدۇرۇپ،بۇنى «ئاجايىپ زور خۇشخەۋەر» دەپ تەرىپلەشكە ئۆتتى.

«بۇ رادىيولار تاقىلىشى كېرەك ئىدى!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 17-مارتتىكى ئوبزور ماقالىسىدە بۇ ھال ئالاھىدە ئالقىشلىنىپ «بۇلار ھەمىشە دۆلىتىمىز ھەققىدە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تاقىلىشى ناھايىتى ياخشى بىر ئىش» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك «ئامېرىكا ئاۋازى» نى ئالاھىدە مىسالغا ئېلىپ «بۇ رادىيو ئەمەلىيەتتە يالغانچىلىق زاۋۇتى ئىدى. ئۇنى بۇرۇنلا تاقىۋېتىش لازىم ئىدى» دېگەن.مەزكۇر گېزىتنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن تېزدىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «ئەمدى ‹ئامېرىكا ئاۋازى› پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى! دۆلىتىمىزگە ئەشەددىيلەرچە ئۆچمەنلىكى بولغان ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› مۇ شۇنداق بولدى. بۇ قالتىس خۇشخەۋەر» دەپ يازغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مەبلىغىنى توڭلىتىپ قويۇش مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورىغاندا مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ «سىز تىلغا ئالغان بۇ تاراتقۇلارنىڭ دۆلىتىمىز ھەققىدە يالغان-ياۋىداقلارنى تارقىتىپ يۈرگىنى ھېچكىمگە سىر ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئالقىشلىرى يالغۇز خىتاي دۆلىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق.يىللاردىن بۇيان «خىتاينىڭ بېقىندىسى» دەپ قارىلىپ كەلگەن كامبودژاغا قىرىق يىلدىن بېرى «تۆمۈر مۇشت» بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن مۇستەبىت خۇن سېن (Hun Sen) بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ 18-مارتتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خۇن سېن بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ ئەمەلىيەتتە ساختا خەۋەر، يالغانچىلىق، ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ۋە دۇنيا مىقياسىدا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن تەشۋىقات ماشىنىسىغا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خاتىمە بېرىشىدۇر» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن «خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» دېگەندەك تەشۋىقاتلاردا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن چەتئەللىك «تور چولپانلىرى» مۇ بۇنى بىر چوڭ غەنىيمەت پۇرسەت، دەپ بىلگەنلىكى مەلۇم. يىللاردىن بۇيان شاڭخەيدە ياشاپ كېلىۋاتقان يېڭى زېلاندىيەلىك ياش ئاندى بورام (Andy Boreham) «خىتاي ھەققىدىكى مەلۇماتلار» نامىدا خىتاينى مەدھىيەلەش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىجرائىيە بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان ھامان بۇنىڭغا ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ «ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتايغا قارشى بەتبەشىرە تەشۋىقات ئورگانلىرى تاقالدى. ‹ئامېرىكا ئاۋازى› ۋە ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› نىڭ قارا سايىسى مەڭگۈلۈككە غايىب بولدى» دەپ يازغان.

دەرۋەقە ئاندى بورامنىڭ بۇ ئىشتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنلىكى دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو (NPR) نىڭ «قانلىق شەنبە» تېمىسىدىكى ئوبزورىدا ئالاھىدە تەنقىدلىنىپ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش ۋە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بۇراشتا مۇھىم رول ئوينىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان ‹شاڭخەي گېزىتى› نىڭ ‹مۇخبىرى› بۇنى ‹بەكمۇ ئېسىل خەۋەر› دەپ ئاتىغان» دېيىلىدۇ.

«ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى خۇنۈكلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەدھىيەلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان غەرب دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن خەۋەر تېمىسى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك چارىلەر بىلەنمۇ يوقىتىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقان بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىدىن خىتاينىڭ ئاشكارا خۇشال بولغانلىقى بۇنىڭدىكى مەركىزىي نۇقتا بولغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 18-مارتتىكى ئوبزورىدا «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى ئورۇنغا ئەزەلدىن قارشى ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئامېرىكا تەسىرىنىڭ خىتايغا سىڭىپ كىرىشىدىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يىللاردىن بۇيان بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رادىيو دولقۇنلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە توسۇپ قويۇش ئۈچۈن غايەت زور ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى ئاجرىتىپ كەلگەن. BBC نىڭ 18-مارتتىكى ئوبزورىدا بولسا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسىنى تۇنجى بولۇپ پاش قىلغان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلارغا سۆز قىلغانلار بۇ خىلدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ماھىيەتتە ھەقىقەتنى پاش قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى، شۇنىڭدەك زۇلمەتنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ ھەممىلا يەرنى ئۆز بايانلىرى بىلەن تولدۇرۇشىغا يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئادالەت نۇرلىرىنىڭ خىرەلىشىپ قېلىشى يىراق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ كەلگەن. شۇڭا بۇنداق خەۋەردىن ئۇلار خۇشال بولىدۇ» دەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى رولىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىدۇ.

«بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر ئېلى ياكى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى پاش قىلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلىشىنى خالىمايتتى. ئىككىنچىسى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شۇنچە قىيىن شارائىتتىمۇ ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق بۇ جايدا ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى دۇنياغا، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا توغرا خەۋەر شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقاردى.تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇۋېتىشنىڭ قەستىگە چۈشكەن. ئەدناسى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بولسا بۇ تىلنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە بۇ تىلدا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە دائىر كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى چىقاردى. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر بۆلۈم ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر مەركەزنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى زىنھار خالىمايدۇ.»

مەبلەغنى توڭلىتىپ قويۇش ھەققىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بىلدۈرۈپ «رادىيو مەبلىغىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى دىكتاتورلار ۋە مۇستەبىتلەر، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن مۇكاپاتتۇر. بىزنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك مەلۇماتلىرىمىز تۇنجى قېتىملىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا جاكارلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى» دەيدۇ.

«بۇ پەقەت خىتاينىڭ چوماقچىلىرىغىلا خۇشخەۋەر بولىدۇ»

رادىيو مەبلىغىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئالىملاردىن پىروفېسسور جېيمىس مىلۋارد (James Millward) ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ «‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى بىزنى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئەڭ ياخشى مەنبە ھېسابلىنىدۇ. بۇنى يوق قىلىۋېتىش ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللاشقا تېگىشلىك بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر دەرد بولىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو ئەپەندى: سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ يازغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مەبلىغى كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالنى باشقا مۇخبىرلارمۇ خۇددى مۇشۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاكتىپ بولۇپ كېلىۋاتقان ماركو رۇبىيودىن بۇ سوئال سورالغاندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تاممىي برۇس (Tammy Bruce) «بۇ ئىش تېخى مۇقىملىشىپ كەتكىنى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىغان.

بۇ تېما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تاقىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا بەزىلەر ئىنكاس يېزىپ «ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلدىكى بىردىنبىر رەسمىي ئاۋازىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر بولسا «رادىيونىڭ تاقىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك بولىدۇ» دېگەن. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا پىروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇنىڭ يالغۇز بىر رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تاقىلىشى بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ زەرىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

«شۈبھىسىزكى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم رادىيو ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۆلۈمدە پىداكار، يۇقىرى مەلۇماتلىق ۋە تىرىشچان مۇخبىرلار قوشۇنى مەۋجۇت. ئەمدى كېلىپ بۇ بۆلۈمنىڭ قىسقارتىلىشى ئازغىنە ھۆكۈمەت خىراجىتىنى تېجەپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ رادىيوغا ئاجرىتىلغان ئازغىنە خىراجەتكە سېلىشتۇرغاندا ئۇلار تەييارلاپ چىققان پىروگراممىلار ئۇنى ھەسسىلەپ بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتا قىلغىنى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹يۇمشاق كۈچ› ئىستراتېگىيەسىگە قوشقان تۆھپىسى بەكلا چوڭ ئىدى.»

روشەن ئابباسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىپ كېتىشى ھېچقاچان ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھەقىقەت نۇرلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە قىزىق تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر «ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەيدىغان دەرىجىدە ئەمەس. ئۇلار بۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ ئۈنۈملۈك شەكىلدە ھەل قىلىشى مۇمكىن» دەپ يازغانلىقى مەلۇم.