ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا 50 پىرسەنتىن ئارتۇق تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 2-ئاپرىلنى «ئازادلىق كۈنى» دەپ جاكارلاپ، دۇنيادىكى 180 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاموژنا بېجى قويغان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى 34 پىرسەنت بولۇپ، ئۇ 9-ئاپرىل كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ پەيشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا بۇ يىلنىڭ بېشى ئىككى قېتىم ئايرىم‏-ئايرىم ھالدا 10 پىرسەنتىن قويغان تاموژنا بېجى بىلەن چارشەنبە قويغان بېجىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئومۇمىي سانى 54 پىرسەنتىدىن ئاشىدىكەن. گېزىتتە بىلدۈرۈلۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ 1-ھۆكۈمىتى ۋاقىتىدا يەنە خىتاينىڭ ھەر خىل سانائەت مەخسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنت ۋە ئىستىمال بۇيۇملىرىغا 7.5 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىكەن.

پرېزىدېنت ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتايغا بۇ يېڭى تاموژنا بېجىنى قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ سودا مىنىستېرلىكى پەيشەنبە ئەتتىگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قويغان بۇ يېڭى تاموژنا بېجىنى «تىپىك بىر تەرەپلىمىلىك زومىگەرلىك قىلمىش» دەپ ئەيىپلىگەن. خىتاي دائىرلىرىنىڭ قارىشىچە، سودا ياكى باج ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلغۇچى بولمايدىكەن، شۇڭا سودا مەسىلىلىرىنى «بارابەر دىئالوگ» بىلەن ھەل قىلىش كېرەك ئىكەن.

پرېزىدېنت ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتايغا يېڭى تاموژنا بېجى قويۇشتىن سىرت، يەنە مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرى ئۇزۇندىن بېرى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان دى مىنىمۇس (De Minimis) دەپ ئاتىلىدىغان سودا ئىمتىيازىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. خىتاي شىركەتلىرى بۇ ئىمتىياز ئارقىلىق 800 دوللاردىن تۆۋەن توۋارلىق پاسولكىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتسە ئامېرىكا بۇ توۋارلاردىن باج ئالمايدىكەن. نەتىجىدە، خىتاينىڭ تېمۇ ۋە شېين دېگەن تور شىركەتلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدىكى ئىستىمالچىلارغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ھەر خىل توۋارلارنى ئەۋەتكەن ئىدى.

ۋال سترىت ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تېمۇ ۋە شېين قاتارلىق شىركەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ئىمتىيازدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئامېرىكادىكى سودىسىنى كەڭ كۆلەمدە كەڭەيتكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2024-يىلى بۇ ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا كىرگەن پاسولكىلارنىڭ ئومۇمىي سانى4 .1 مىلياردغا يېقىن ئىكەن. پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ ئىمتىيازنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى 2-ماي كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە ئىكەن.