ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ناتانىېل موران يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دوللار يوق» دېگەن قانۇن لاھىيەسىنى قايتا تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئالاقىسى بار بولغان بارلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەيدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى موران سەيشەنبە KLTV تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ لاھىيەسى توغرىسىدىكى زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ناھايىتى ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئىش بېجىرىۋاتىدۇ. بىز دۇنيادا قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ شېرىكى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز. بۇنى (ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكىنى) يوقۇتۇش كېرەك» دەپ بىلدۈرگەن. موران سۆزىدە بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ ئىككى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىنى كەينىگە ياندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تاشقى تەھدىت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى موران بۇ قانۇن لاھىيەسىنى فېۋرالنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قايتا تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قانۇن لاھىيەدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقى بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تولۇق ياكى قىسمەن قېزىلغان، ياسالغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق توۋار، بۇيۇم ۋەياكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدىكەن.
موران بۇ قانۇن لاھىيەسىنى قايتا تونۇشتۇرغىنىدا، «قۇللۇق ئەمگەك ئەخلاقىي جەھەتتىن يىرگىنىشلىك. ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شىنجاڭ خىتاي ئىقتىسادىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ سانائەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئېغىر زۇلۇمدەك قورقۇنچلۇق رېئاللىقلار يوشۇرۇنغان» دېگەن.
موران سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالسا بولمايدۇ. بىز چوقۇم بۇ دەپسەندىچىلىكلەرگە شېرىك بولغان شىركەتلەرگە قارشى كەسكىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، مۇتلەق ھاكىمىيەتلەرگە قارشى قاتتىق مەيداندا بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، «ئەگەر بىز خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى توسىمىساق، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى قەبىھ جىنايەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولى نەگە يەتسە شۇ يەرگە كېڭىيىدۇ. ئامېرىكا چوقۇم (بۇ مەسىلە ئۈستىدە) كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ ۋەھشىلىكنىڭ شېرىكى بولۇپ قېلىشنى رەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى موران «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دوللار يوق» قانۇن لاھىيەسىنى 2023-يىلى ئىيۇلدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ لاھىيە ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا ئاۋام پالاتادىكى بىلەت تاشلاشتا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېڭەش پالاتادا توختاپ قالغان ئىدى. ئەمما ئاۋام پالاتا ئەزاسى موران تېلېۋىزور زىيارىتىدە بۇ قېتىم بۇ قانۇن لاھىيەسىنى ئىككىلا پارتىيە ئورتاق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قانۇنغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى بىلدۈردى.