مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

10-ماي كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدا «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا ئۇچرىشى» ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا، ئەركىنلىك سارىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، پۇقرالار تەجرىبىخانىسى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن.

يىغىنغا يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي بىلەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى سكوت بۇسبى (Scott Busby) مۇ قاتنىشىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۇرۇنۇشىنىڭ ھازىر پەقەت ئۆز دۆلەت چېگراسىدا توختاپ قالماي، بەلكى چەت ئەللەرگىچە، جۈملىدىن ئامېرىكا تۇپراقلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ مەيلى ئىنتېرنېت تورىدا ياكى بىۋاسىتە ھالدا بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ھازىر ئىران، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قولىنى سوزۇش ۋەقەلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى دەرھال تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇ، بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش سەۋەبى ۋە مەقسىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا چارە تېپىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىف مېركىلىي(Jeff Merkley) ئەپەندى، 2023-يىلى 10-ماي
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىف مېركىلىي(Jeff Merkley) ئەپەندى، 2023-يىلى 10-ماي (uscirf.gov)

ئارقىدىن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان جىددىي خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا قۇرغان ساقچى پونكىتلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خىتايدىن باشقا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل باشلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ۋەقەلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى.

يىغىندا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ئېرىك ئۇلاند (Eric Ueland) سۆز قىلىپ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم باشلامچىلىق رول ئوينىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئېلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر قەدەملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركۇ روبىيو ۋە مېركىلىي قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تېزىدىن ماقۇللاشنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىپ، كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ياكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللىنىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن زۇلۇمغا شېرىك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇنداق قىلغانلارنى جازالاشنىڭ يوللىرىنى تېپىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى سكوت بۇسبى (Scott Busby) ئەپەندى. 2023-يىلى 10-ماي.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى سكوت بۇسبى (Scott Busby) ئەپەندى. 2023-يىلى 10-ماي. (uscirf.gov)

ئۇ سۆزىدە ھەم مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمىتى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئۇچرىغان بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بۇ يولدا قىلغان پىداكارلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

يىغىندا يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى سكوت بۇسبى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2022-يىلى 11-ئايدا خىتاي، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران قاتارلىق 12 دۆلەتنى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دەل مۇشۇنداق چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات تەييارلاش ۋە ئېلان قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىپلوماتلارنى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدە تەربىيەلەش، تەدبىر بەلگىلەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ۋىزا بەرمەسلىك، جازا تەدبىرى قويۇش، خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن بۇ جەھەتتە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشتەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، زوراۋان، مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنى چېكىندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، «ئامېرىكا ھەرگىزمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇنىڭغا ھەرخىل ئاماللار بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ. بىز بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىمىزنى توختىماي داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى جۇلىي مىسلەپ(Julie Millsap) خانىم. 2023-يىلى 10-ماي.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى جۇلىي مىسلەپ(Julie Millsap) خانىم. 2023-يىلى 10-ماي. (uscirf.gov)

سىكوت باسبى ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن، كومىتېت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئۇنىڭدىن سوئال سورىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كومىتېت ئەزالىرى ھەم شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق دىنىي ئىشلار ئەلچىسى سام بروۋنبەك، سابىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىقلارغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى، ھەمدە يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا كونكرېت بىر تەدبىر ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى سورىدى.

سكوت باسبى ئالدى بىلەن «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىنى ۋە بۇنداق بېسىم ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى. ئارقىدىن ئۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى ئىشلاردا قولى بار كىشىلەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى بارلارنى ۋىزا چەكلىمىسى، ئىقتىسادىي جازا قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن جازالاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ جەھەتتىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر يىغىندا، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى جۇلىي مىسلەپ خانىم سۆز قىلىپ، چەت ئەللەردە، جۈملىدىن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭدا دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادىن قايتقاندىن كېيىن سىڭلىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ پائالىيىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىشى ھەمدە يەنە نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ يۇرتىدىكى ئاپىسىغا پاسپورت بېرىلمەي، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلمايۋاتقانلىقىدەك مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر بولمىغان بىر ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئارقىلىق قىلغان ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاي ۋەتەندىشى بولغان يولدىشىنىڭ خىتايدىكى ئائىلىسىنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە چوقۇم تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ھەرقايسى كومىتېت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك خىتاي، رۇسىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر تۇپراقلىرىدا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.