بېيجىڭدىكى تونۇلغان ياش كارخانىچى ئابدۇخەبەر مۇھەممەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىلگىرى ئامېرىكادا ئوقۇپ قايتقان ۋە بېيجىڭدا بىر شىركەت قۇرۇپ نام چىقارغان ئابدۇخەبەر مۇھەممەدنىڭ ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى.

بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بىلەن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ۋە بېيجىڭدا شىركەت قۇرغان ئابدۇخابەر مۇھەممەت «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە كەلپىن ناھىيەسىدىن ئەۋەتىلگەن 4 نەپەر ساقچى، ئۇنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭدىن تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن. بىز ئالدى بىلەن قولىمىزدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، بۇ دېلو ھەققىدە گەپ قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەنسىز بىر كەيپىياتتا بايان قىلدى، ئەمما ئابدۇخەبەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 2018‏-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىللەردە تونۇشتۇرۇشىچە، ئابدۇخەبەر مۇھەممەت، 2010‏-يىللىرى ئامېرىكادىكى نيۇ-يورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا سودا-كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئۇ خىتايدا كەسپىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ بېيجىڭدا «HOLD خەلقئارالىق مائارىپ مەسلىھەت شىركىتى» نى تۇرۇپ، ياشلارغا چەت ئەلدە ئوقۇش ئىمكانلىرى توغرىلىق ئۇچۇر ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ چاغلاردىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ئابدۇخەبەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگىلىك تىكلەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلار ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئۈلگىگە ئايلانغان.

نۆۋەتتە نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە ئابدۇخەبەر مۇھەممەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى فېيسبوكتا ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئابدۇخەبەر خىتايدا ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلغان تەقدىردە بىخەتەر ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېھتىيات تەدبىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئامېرىكادا ئوقۇغان ۋە ياشىغان ۋاقىتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلاردىن يىراق تۇرغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە سانى تولىمۇ ئاز قالغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ناملار ئاستىدا ئىشخانىلار قۇرۇلغان. مانا بۇلاردىن بىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق شىنجاڭلىق خادىملارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى» (新疆维吾尔自治区驻北京市新疆籍人员服务管理工作组) ناملىق ئىشخانىدۇر.

تور ئارخىپلىرىغا قارىغىنىمىزدا، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بېيجىڭنىڭ خەيدىيەن رايوندىكى «شىنجاڭ سارىيى» (新疆大夏) دېگەن بىنادا ئىشخانىسى بارلىقى مەلۇم بولدى. بىز بۇ ئىشخانىغا تېلېفون قىلىپ، نۆۋەتتە بېيجىڭدا سودا-كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئارىسىدا، ئابدۇخەبەر مۇھەممەت دەيدىغان بىرسىنىڭ بار-يوقلۇقۇنى سورىدۇق. نۆۋەتچى خادىم تىزىملىككە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، بۇنداق بىر كىشىنىڭ نۆۋەتتە بېيجىڭدا يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئابدخەبەرنىڭ بېيجىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئايرىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئابدۇخەبەرنى قايسى ساقچى ئورگىنىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «شىنجاڭنىڭ ساقچى ئورگانلىرى» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ئابدۇخەبەر ئانا تىلدىن باشقا ئىنگلىزچە، خىتايچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچە بولۇپ تۆت خىل تىلنى مۇكەممەل بىلىدىكەن. ئۇ نيۇ-يوركتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا سودا-تىجارەت ئىشلىرىغا كىرىشكەن. ئۇنىڭ ئۆزى ۋە بېيجىڭدا قۇرغان شىركىتى 2018‏-يىلى، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ تۇتقۇن پەللىگە چىققان مەزگىلىدە ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى يۇقىرىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئابدۇخەبەرنى بىرقانچە يىلدىن بېرى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلگەن ۋە ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان كۈنى ساقچىلارغا ھەمكارلاشقان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىشخانىنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ، ئابدۇخەبەر مۇھەممەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ خادىم يەنە ئابدۇخەبەر مۇھەممەتنىڭ ئاقسۇدىكى بىر ناھىيەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇخەبەر كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزا ئارائايماق كەنتىدىن بولۇپ، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇ شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇدۇل كەلپىن ناھىيەسىگە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە شۇ يەردە سوراق قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما بىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۇنىڭ كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەنلىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.