ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاڭلىتىشىمىزدا بېيجىڭدا شىركەت ئاچقان ۋە نەتىجىلىرى خىتاي ئاخباراتى تەرىپىدىن بىر مەزگىل كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ياش كارخانىچى ئابدۇخەبەر مۇھەممەدنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدۇق. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىدا داۋامىدا، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى 10 نەچچە سەپدىشى بىلەن تەڭ سوتلانغانلىقى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا، بېيجىڭدا مائارىپ مەسلىھەت شىركىتى ئاچقان ياش كارخانىچى ئابدۇخەبەر مۇھەممەدنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئۇچۇردا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، ئابدۇخەبەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىشىگە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئاقسۇدىكى مەزگىلىدە بىر جامائەت سورۇنىدا ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقى سەۋەب بولغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى «شىنجاڭلىقلارغا ياردەم قىلىش ۋە شىنجاڭلىقلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» خادىمى، ئابدۇخەبەرنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن «توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرى» دا زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكتە ھالال-ھارامنى ئايرىغانلىقى ۋە ياكى ھالال-ھارامنى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى خاتىرىلەنگەنىدى.
يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئابۇخەبەرنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرى، ئابدۇخەبەرنىڭ دادىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تونۇلغان ئارمان يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ ئاقسۇدىكى ۋاكالەتچىسى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئابدۇخەبەرنىڭ دادىسىنىڭ سودىسىغا ھەمكارلاشقان مەزگىلىدە ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكىنى سۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇخەبەر ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە گەپ قىلغان سورۇندا 20 گە يېقىن كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا سوتقا تارتىلغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، بۇ سوتلانغانلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى ئابدۇخەبەرنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسى-كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يورچى يېزىسىدىن ئىكەن. يورچى يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى، يورچى يېزىسىدىن ئابدۇخەبەر مۇھەممەدكە چېتىلىپ 3 كىشى تۇتۇلغانلىق ۋە كەلپىن ناھىيەسى بويىچە 6 كىشى تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم يەنە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئاقسۇدا ئېچىلغان سوتتا ئابدۇخەبەرنىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ جەمئىي 10 نەچچە كىشىنىڭ سوتلانغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۆزىنىڭ يورچىدىن تۇتۇلغانلارنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇشقىلا مەسئۇل بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، سوتنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى ئەتىگەن مەزگىلدە قىسقىلا ئېچىلغانلىقىدىن خەۋىرى بولغانلىقى، ئەمما سوتنىڭ تەپسىلاتى بولۇپمۇ، ئەيىبنامە ھەققىدە خەۋىرى بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، ئابدۇخەبەرنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ مەسلىھەتى ۋە يول كۆرسىتىشى بىلەن چەتئەلگە چىققان ئوقۇغۇچىلاردىن خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە قېتىلغانلارنىڭ بايقالغانلىقى سەۋەب بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «ئۇيغۇر ئىنفو» نامىدىكى بىر X (تىۋىتتېر) ئۇچۇرىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇخەبەر مۇھەممەد 15 يىللىق كېسىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، ئابدۇخەبەر مۇھەممەدنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سوتلانغانلار ئارىسىدا، بىر ئاكا-ئۇكانىڭمۇ بارلىقى، ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن قېرىندىشى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى بۈگۈن دەلىللەنگەن ئابدۇخەبەر مۇھەممەت ھەققىدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە، ئۇ دۆلەتنى سۆيىدىغان ۋە دۆلەتكە سادىق بىر كارخانىچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىلغانىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىمۇ، ئابدۇخەبەر مۇھەممەدنىڭ مەيلى ئوقۇش، مەيلى تىجارەت ھاياتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزىقىدىن چىقمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.