«CGTN» قانىلى «يوقاپ كەتمىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن خالىنۇرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان CGTN قانىلى، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» ئۆزىنىڭ يۇۋتۇب ۋە تىۋىتتىردىكى ھېسابلىرى ئارقىلىق قىسقا ۋىدىيولارنى تارقىتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 2-3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى قىلالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ۋىدىيولاردا يېقىندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىشلىتىۋاتقان «StillNoInfo#» يەنى «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ھەرىكىتى ئاساسلىق نىشان قىلىنىپ تۇرۇپ: «تېخىچە ئۇچۇر يوق خەشتەگ ھەرىكىتىگە زەربە، بىز ئۇنى تاپتۇق»، «تېخىچە ئۇچۇر يوق، كىم يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» قاتارلىق تېمىلاردا ۋىدىيو تارقاتقان. شۇ خىلدىكى ۋىدىيولارنىڭ بىرىدە تۇرپان شەھىرىدە ياشايدىغان 23 ياشلىق خالىنۇر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، CGTN قانىلىنىڭ ئاتالمىش مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋىدىيودا خالىنۇرنىڭ چەتئەلدىكى نەۋرە تۇغقىنىنىڭ يولدىشى ئابدۇللا رۇسۇلنىڭ «تېخىچە ئۇچۇر يوق» خەشتەگى بىلەن خالىنۇرنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ۋىدىيودا خالىنۇر ئۆزىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى بىر ھەپتە ئاۋۋال ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقى بايان قىلىنغان. خالىنۇر ۋىدىيودا «مەن نەۋرە سىڭلىم 2016-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىمۇ ئاران ئېسىمگە ئالدىم. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى ئىزدەپ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەنمىدىم» دېگەن.

بىز خالىنۇر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئابدۇللا رۇسۇلنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن خالىنۇرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. خالىنۇر، ئابدۇللا رۇسۇلنىڭ ئايالى بىلەن نەۋرە تۇغقان بولۇپ، ئۇلار 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان خالىنۇر بىلەن ئالاقە قىلالمىغان. ئابدۇللا روسۇلنىڭ توقسۇندىكى دادىسى بىر قانچە قېتىم تۇرپانغا بېرىپ قۇدىسى ۋە خالىنۇرنى ئىزدەپ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، يوللار تاقىلىپ كەتكەنلىكتىن خەۋەر ئالالمىغان. ئابدۇللا روسۇلنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي كېسىلگەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىدىيوسىدا خالىنۇرنىڭ ھاممىسىنىڭ گېپىگە كىرىپ مەكتەپتىن توختاپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا بۇرقا كىيگەنلىكى، ئۇنىڭ دىنى رادىكاللىق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئۇنىڭ يەنە بىر يىل تەربىيىلىنىپ خىتايچە ئۆگىنىپ ئاشخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ۋىدىيودا تىلغا ئېلىنغان بۇ ھامما دەل ئۇنىڭ قېيناپىسى بولۇپ، ۋىدېودا قېيناپىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا باشلامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقانلىقى دېيىلگەن. ئابدۇللا «قېيناپام ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئاددىي بىر ئۆي ئايالى ئىدى» دەيدۇ.

خالنۇر تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق بويلۇق يېزىسىدىكى چىمەنزارلىق مەھەللىسىدىن بولۇپ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇشتىن توختىغان. ئۇ ئوقۇش ۋاقتىدىلا خىتايچىنى ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايچىدىن تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجى يوق ئىكەن. ئابدۇللا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بىر كىشىنىڭ ئاشخانىدا كۈتكۈچى بولۇش ئۈچۈن بىر يىل «تەربىيەلىنىش» كە ئېھتىياجى يوق، دەپ ئەسكەرتتى.

ئابدۇللانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خالىنۇرنىڭ يولدىشى ئابدۇقادىر خالىنۇر ئىككىنچى بالىسىغا ئېغىر ئاياق ۋاقتىدا تۇرپاندىكى بىر مەيداندا بىر توپ ياش بالىلار بىلەن توپ ئويناۋاتقاندا سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ ئەكېتىلگەن. تۇرپاندىكى تۇتقۇنلار داۋامىدا خالىنۇرنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئوخشاشلا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئابدۇللانىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى باشلانغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلە-جەمەتىدىن 150 ئەتراپىدا كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ داۋاملىق گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە تورلاردىكى ئىجتىمائىي سورۇنلاردا داۋاملىق ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ بىر قىسىم تۇغقانلىرىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئابدۇللا ئۆزلىرىنىڭ خالىنۇرنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھەيران بولغانلىقىنى ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا ھاياتلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى شۇڭا بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.