خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «يېشىل ئېنېرگىيە» تۈرى مۇھىتنى تېخىمۇ ئېغىر بۇلغىغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئاتالمىش «يېشىل ئېنېرگىيە» تۈرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇھىتنى تېخىمۇ ئېغىر بۇلغايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ياپونىيەنىڭ «نىككېئىي ئاسىيا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ دۆلەت تەستىقلىغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئەسلىدە كۆمۈر كانلىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن كوكۇس مېيى گازىنى يىغىپ، ئۇنى گاز ۋە پار تۇربىنىسى ئارقىلىق توكقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەنىكەن.

ئەمما سەيشەنبە كۈنى كەچتە شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ شىركەتنىڭ تازىلاش سىستېمىسى كارغا كەلمىگەنلىكتىن، تەركىبىدە زور مىقداردا بىرىكمە فېنول بولغان بۇلغانغان سۇنىڭ نامۇۋاپىق ھالدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. باياناتتا «ئىسمى ئاشكارىلانمىغان تاشقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تازىلاش سىستېمىسىنىڭ مۇھىت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەنلىكى، نەتىجىدە ئۇدا زىيان تارتقان شاڭخەي ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ بۇ تۈرنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقى بايان قىلىنغانىكەن.

«نىككېئىي ئاسىيا» گېزىتى بۇ باياناتقا ئاساسەن شاڭخەي ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتاينى توك بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى، ئۇ ھازىرغىچە خىتاينىڭ 16 ئۆلكىسىدىكى 250 مىليون ئادەمنى توك بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ بوغاز-قۇمۇل توك يەتكۈزۈش-ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، شەرقىي جۇڭغار-جەنۇبىي ئەنخۇي توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ 3-لىنىيەسى ھېسابلىنىدىغان قۇمۇلنىڭ شىمالى-خۇبېي جىڭمېن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بەدىلىگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى كۆمۈر گازىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئاتالمىش يېشىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭمۇ مۇھىت بۇلغىشى ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاتالمىش يېشىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى 2014-يىلى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خىتاي ئىقتىسادىي پىلان مەركىزى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تەرىپىدىن تەستىقلانغانىكەن.