ياۋروپا كومىسسىيەسى باياناتچىسى 20-مارت كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللىغان، تايلاندنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا دائىر قارار لايىھەسىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، قارار لايىھەسىگە دىققەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق رەۋىشتە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا كومىسسىيەسى باياناتچىسىنىڭ 20-مارت مۇخبىرىمىزغا يازما باياناتى، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋېچاياچاي ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى سودسوڭ باشچىلىقىدىكى تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قەشقەرگە بېرىپ، 27-فېۋرال كۈنى تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 40 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولۇۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىنغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسىگە دىققەت قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا مۇۋاپىق رەۋىشتە ئېتىبار بېرىمىز. ياۋروپا كومىسسىيەسى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ. بۇ قايتماسلىق پىرىنسىپىغا خىلاپلا بولۇپلا قالماي، تايلاندنىڭ دۆلەت ۋە خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشتۇر.»
باياناتتا يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ مەسىلىدىكى جىددىي ئەندىشىلىرىنى بىۋاسىتە بىلدۈرگەنلىكى ۋە تايلاند دائىرىلىرى بىلەن بۇ توغرىلىق يەنە داۋاملىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تايلاند دائىرىلىرى بىلەن بولغان سىياسىي دىيالوگدا، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.»
ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللىغان قارار لايىھەسىدە، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تايلاند بىلەن بولغان ئەركىن سودا سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا تايلاندتا قېلىپ قالغان 8 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ياۋروپا كومىسسىيەگە خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسىگە بولغان ئىنكاسىنى سورىغان. ھالبۇكى، ياۋروپا كومىسسىيەسى 20-مارت مۇخبىرىمىزغا قايتۇرغان يازما باياناتىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسىنى «مۇۋاپىق رەۋىشتە ئېتىبارغا ئالىدىغانلىقى» نى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت قانداق قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.