ياپونىيە خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەگە زەربە بېرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدى

ياپونىيە جەنۇبىدىكى كيۇشۇ ئارىلىغا شىمالىي كورېيە بىلەن خىتايغا زەربە بېرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتىكەن. خەۋەرلەردە ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بۇ قوراللىرى، ئۇنىڭ «قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ پىلانى رايون خاراكتېرلىك جىددىيلىكنىڭ داۋام قىلىشى، شۇنداقلا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلماقتىكەن. مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرلىق بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، كېلەر يىلى كيۇشۇدىكى ئىككى ھەربىي بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى ئىكەن.

ياپونىيە كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولغان ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ زەنجىرسىمان مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيەنىڭ ھۇجۇمغا قارشى «قايتۇرما زەربە بېرىش» ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، تەيۋەنگە 110 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوكىناۋا ئاراللىرىغا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش خىتاينىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. يېقىندا پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ تەڭپۇڭ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياپونىيە بىلەن قالتىس مۇناسىۋىتىمىز بار، ھالبۇكى ياپونىيە بىلەن بىزنىڭ ئۇلارنى قوغدىشىمىزغا تېگىشلىك بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بىزنى قوغدىشىغا تېگىشلىك بولمىغان قىزىق بىر كېلىشىمىمىز بار» دېگەنىدى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ NATO دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياپونىيەنىڭمۇ «بىخەتەرلىك سىياسىتى» نى قايتا ئويلىشىش زۆرۈرىيىتىنى پەيدا قىلماقتا، دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، ئەگەر ياپونىيە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ياردىمىگە داۋاملىق تايىنىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنىڭ «يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىش-ئېرىشمەسلىكىنى مۇنازىرە قىلىشقا باشلايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ 1951-يىلى ئىمزالىغان بىخەتەرلىك شەرتنامىسىدە ئامېرىكا ياپونىيەنى قوغداشنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ئاساسى قانۇنىنىڭ 9-ماددىسى ئارقىلىق چەكلەنگەنىدى.